تەرك دىلىم (شېئىر) - مەمەتجان باش كارۋان

 تەرك دىلىم
مەمەتجان باش كارۋان


مەن مىسالى چۆلدە قالغان كىيىكمەن،
ھەممە قاقشال-قۇرۇق يېشىللىق يوقتۇر.
جان نە كېرەك سۆيگۈگە تەشنا دىلدا ئازاب،
بارئىدۇر دىلغا ھەمراھ ئارمانلار جىقتۇر.

كەچ كىرىپ كۈنلەر يوقاپ دىل سوۋىدى،
قالدى يۈرەك جاھاندىن ئايرىلىپ شۇندا.
نە قىلاي بۇ تەن يالغۇز كەلگەن كەپتىكەن،
كېتىشىم يالغۇز، قوي تاشلا مېنى بۇندا.

ئەي دىلكىشىم سەنمۇ قوي مېنى يالغۇزلا،
ئىچ ئاغرىتما مەن كەبى تەرك تەن سائىلغا.
ياشاي دۇنيارىمدا ساپكەن يەنىلا يالغۇز دىل،
بېرەي ئەركىنلىك، تەركلىك ياراشقان دىلىمغا.
     





37 قېتىم كۆرۈلدى bashkarwan ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-7 4:48:20  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ