ئارمان
خەلچەم خېلىل
مەيلى ئەسلىمە خۇشال كۈنلەرنى،
ئەسلىمە بىز ماڭغان چىغىر يوللارنى،
خۇشال ھەم باغچىدا يۈرگەن تۈنلەنى،
كۈنلەرنى تۈنلەرنى گۈزەل ئويلارنى.
بىراق ئەسلىگىن ئىككىمىز ئېيتقان،
ھىجران رەڭ،پىغانلىق غەمكىن كۈيلەرنى.
سەندە بار مەندە بار گۈزەل بىر ناخشا،
مەندە بار شۇ ناخشام جانانغا ياقسا،
گۈزەل بىر بىرلىشىش سۇ بۇلۇپ ئاقسا،
بىر ناخشا مىڭ بۇلۇپ جاھاننى ئالسا.
ئىسىڭدىن چىقمىسا ئىككىمىز ئېيتقان،
تەڭكىشى بىرلەشكەن زەپەردەست ناخشا.
تويلارغا ماڭغاندا ئالدىمدا ماڭساڭ،
ماڭغاندا ئۈلۈمگە مىنى تەڭ ئالساڭ،
ئالدىمدا پارلىغان زەر قۇياش بولساڭ،
ماڭساڭ يانمىساڭ مەڭگۈلۈك ئاقساڭ.
ئارمىنىم شۇ ئىدى روھىمدا قالساڭ،
ئۆلسەممۇ بىز ئېيتقان ناخشىنى ئېيتساڭ.
2016.10.1
164 قېتىم كۆرۈلدى | خەلچەم خېلىل | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-12 23:05:28 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|