فىۋرالدا قار - ئەمەرجان ماخسۇت شاھتۈرك

فىۋرالدا قار

 

ئەمەرجان ماخسۇت شاھتۈرك

 

توپىغا كۆنسىمۇ ئۇشبۇ شەھەردە،

 قارياغدى ماتەمدە فىۋرال بولسىمۇ.

 ھاۋامۇ بەك سوغۇق قەلىبكە ئوخشاش.

 سۈكۈتتە ئالەممۇ دەردكە تولسىمۇ.

 

 كونا جاي بەك خىلۋەت يامان چۈشتەكلا،

 ئۇنىڭدىن ئەسلىمە گۈل بۇپ ئېچىلار.

شۇتاپتا قەلىبمۇ سۇنغان بىرئەينەك،

 ھەرپارچە بىر ئۆتمۈش ھەريان چېچىلار.

 

بەك ئاستا ماڭماقنى قىلساڭمۇ خىيال،

 بۇدۇنيا قۇنالغۇ سەن بۈيۈك كارۋان.

ساداقەت ئەقىدە بولغاندا پايخان،

سەن ئۆلدۈڭ ياشىدىم دېگىنىڭ يالغان.

 

 تۇزىغان ئارماندەك ئۈنسىز يۈتىسەن،

قەبرەڭگە قويمايدۇ ھېچكىم بەلگە تاش.

 ئاسماننىڭ قەرىدە تۇتۇق كۆلەڭگە،

 مەڭزىدە سۈرەتتەك قېتىپ قالغان ياش.

 

2016-يىلى 13-فىۋرال يۇرتى قاراقاش





390 قېتىم كۆرۈلدى xahturk666 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-21 16:22:43  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-3-7 10:28:06 غۇنچەم
قۇلىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن
2016-3-7 3:26:22 توغراق
مەڭزىدە سۈرەتتەك قېتىپ قالغان ياش، قەلبىمدە تاش بولۇپ تۈگۈلدى مۇشتتەك؛ تايچاقلار بۇ كۈندە بولدى شاش تۇلپار، تارىدى ئىشتىياق ئۇچتى تۈتۈندەك...
2016-3-7 0:56:29 dilig
بەك ياخشى يېزىپسىز
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ