سۆيگۈنۈم ئۈچۈن

         سۆيگۈنۈم ئۈچۈن
...
جانىم دېدىم قەدرىڭىز قىلدىم،
جاندىن ئەزىز بىلگىنىم ئۈچۈن.
پەرھات كەبى ئاشىق يېتىلدىم،
سىزنى دىلدىن سۆيگۈنۈم ئۈچۈن.
...
بولدۇم تالاي دەرتكە مۇپتىلا،
دىيەلمىدىم لېكىن «بوپتۇلا!»،
كۈنلىرىمنىڭ ھەسرىتى تولا،
سىزنى دىلدىن سۆيگىنىم ئۈچۈن.
...
باغلىرىمدىن باھارىڭىزغا،
تەشنادۇرمەن دىدارىڭىزغا،
باققىنىم يوق باشقا بىر يارغا
سىزنى دىلدىن سۆيگۈنۈم ئۈچۈن.
...
بولدۇم كېپىنەك ئەمەس،
ۋەسلىڭىزدىن يات كېرەك ئەمەس،
ھېچ بىر گۈلگە قىلمىدىم ھەۋەس،
سىزنى دىلدىن سۆيگۈنۈم ئۈچۈن.
.. ..

مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار : 2041420589


     





67 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇنجان كامال ۋولقانى ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-30 23:29:35  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ