قاراغول (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

 قاراغول
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)

تەڭرىتاغنىڭ غەربىدە،باردۇر گۈزەل بىر ماكان،
نامى ئۇنىڭ قاراغول،خەلىقلىرى بەك ئىشچان،
شىجائەتلىك ئەجدادلار،ئەجىر قىلىپ تېرىشقاچ،
ساياھەتچىلىك نامىنى،ھەممە جايغا تاراتقان.

قاراغولنىڭ تاغلىرى،تەڭرى تېغى تۇتاشقان،
ئەگرى-بۈگرى سوزۇلۇپ،يۇرتىمىزغا ياراشقان،
ئازات زامان قۇرۇشتا،تاغلىرىمىز تام بولۇپ،
”جان چىقتى“تېغىنى،بوۋام ئەسىر ساقلىغان.

قاراغولنىڭ ھاۋاسى،ئىللىق چۈشەر قۇياشى،
پىژغىرىملىق ئىسسىقتا،تەنگە راھەت بەرگۈسى،
قىشى-يېزى ياراشقان،بولۇتلىرى ئۇچۇشقان،
تومۇزلاردا يامغۇرى،تەڭشەپ تۇرار ھاۋاسى.

چاقماق دەريا ھەيۋەتلىك،يوقلاپ ئۆتەر قاراغول،
تومۇزلاردا سۇ ئويناپ،مېھمان كىلەر سوراپ يول،
دەريالاردا بېلىقلار،كۆلچەكلەردە غاز،ئۆردەك،
تەرىپلىگەچ ھەممىسى،پەخىرلەندىم قاراغول.

قاراغولنىڭ ئاسمېنى،سۈپسۈزۈكتۇر ياز كۈنى،
ئاڭلىنىدۇ بۇلبۇللار،قىرغاۋۇلنىڭ كۈيلىرى،
كەپتەر،كەكلىك،قارلىغاچ،ھۆسۈن قوشتى يۇرتۇمغا،
كىلىپ ئاتۇش قەشقەردىن،يايراپ كەتتى دىللىرى.

تەرىپلىشەر ھەممىسى،سۈيى ئەركەك قاراغول،
كېلىپ قالسا يۇرتۇمغا،ئاۋال ئالار سۇغا يول،
مەرۋايىتتەك بۇلاقلار،زەپ ياراشقان يۇرتۇمغا،
ساياھەتچى مېھمانلار،چۈشەيدىغۇ قاراغول.

باتۇر بولغاچ خەلقىمىز،بويسۇندۇردى چۆللەرنى،
قىلىپ بوستان قاراغول،قىلدى چەكسىز ئورماننى،
بۆك-باراقسان ئورمانلار،ماراشىدۇ قۇچقاچلار،
بەك چىرايلىق،مەنزىرلىك،تالاشتىغۇ ھۆسنىنى.

يەرلىك ئوغلاق،قويلىرى،توخۇ،ئۆردەك غازلىرى،
تەنگە شۇنچە ئوزۇقتۇر،بولغاچ تەبىي لەززىتى،
ھوزۇرلىنار مېھمانلار،قىلىشمايدۇ تۈزۈتلەر،
قاراغولدا ئويناڭلار،سۈرۈپ يازنىڭ پەيزىنى.

قېتىق-قايماق نام بىلەن،داڭقى يەتتى ئۈرۈمچى،
يۈرەك قاخشاپ تۇرغاندا،بولدى راھەت دوغلىرى،
يەرلىك كالا قايمىقى،قاراغولدا ئەڭ ساپتۇر،
ئوخشايدىغۇ ھورنانلار،ئېغىزىڭدا قالغۇسى.

چىلگە قوناق داڭلىقتۇر،ئوخشايدىغۇ زاغرىسى،
تەبىي بولغاچ تەملىرى،بولۇر تەنگە شىپاسى،
ئەجىر قىلىپ ئۇنىغا،سۇ تۈگمەندە تارتىدۇ،
قاراغولدا ئىشچانلار،ئوخشاياىغۇ ئومېچى.

خۇۋەينى دەپ نامى بار،تەبىي يېشىل ئۈرۈكى،
داڭقى يۇرتلار تارالغان،بولغاچ تەمى-قۇۋېتى،
قېشى-يېزى يىيىشەر،بولۇر تەنگە ئوزۇغلۇق،
قاراغولنىڭ چۈلىسى،ساغلام قىلۇر كىشىنى.

قاراغولغا ياراشقان،شاپتۇل،تورغاچ،ئامۇتلار،
دېھقانلارنىڭ ئەجرىدە،مەي باغلىدى ئالمىلار،
ياراشتىغۇ ئاق ئۈجمە،ھۆسۈن قوشۇپ ھويلىغا،
قۇچقاچلاردىن تالىشىپ،يىيىشىدۇ بالىلار.

قاراغولدا شىلدىرلاپ،ئېقىپ تۇرغاچ سۇلىرى،
يالپۇز،ئەمەن ئۆسۈشەر،بولۇپ چۆچۈر خۇرۇچى،
ئوخشاپ پۈرە-چۆچۈرلەر،بېدە،چامغۇر كۆكىدە،
خۇلۇم-قوشنا قوللۇشۇپ،قىلار باھار سوۋغىسى.

پەخىرلەندىم قاراغول،سۈيۈڭ ئەركەك بولغاچقا،
ھوزۇرلاندىم زوقلۇنۇپ،ساپ ھاۋاسىڭ بولغاچقا،
بىر-بىرىىن تېتىشلىق،بەك تەبىيدۇر گۆشلىرىڭ،
لەززەت بىرەر ھەممىگە،يىشىل تائام بولغاچقا.

كىلىپ قالساڭ جەنۇپقا،قارغولۇمنى بىلىپ كەت،
ھوزۇرلۇنۇپ ساپ ھاۋا،تەنگە،شىپا تېپىپ كەت،
تېتىپ يەرلىك تائاملار،ئوغلاق،قۇشلار گۆشلىرى،
ئىچىپ قېتىق،ئەركەك سۇ،يازنىڭ پەيزى سۈرۈپ كەت.

ئېزىزانە يۇرتلاردىن،قاراغولغا كىلىپ كەت،
سەيلە قىلىپ ياز كۈنى،راھەتلەرنى سۈرۈپ كەت،
ساھىپخانلار مېھماندوست،ھەممە يېشىل ئۆزگىچە،
ساياھەتتە داڭقى بار،سەيلە قىلىپ كۆرۈپ كەت.

ئەسكەرتىش:ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئاپتۇر ھوقۇقى ۋە يۇرت ئالاھىدىلىكىگە ھۆرمەت قىلىپ،ئۆزگەرتىپ يوللىماسلىقىڭلارنى ئالاھىدە تەلەپ قىلىمەن.
     





144 قېتىم كۆرۈلدى turhun ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-22 17:48:39  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ