يىللار گۇۋاھچى
ئالىمجان تۇرسۇن كىچىك نەزەرى
ۋاراڭ -چۇرۇڭ قاپلاپ جاھاننى ،
ئەۋجى ئالدى رەڭلىك ئويۇنلار .
يەتمىگەندەك بىزگە تۈن كىچە ،
قورشىۋالدى قارا قۇيۇنلار .
تىرىشچانلار بولدى كۆرگەزمە ،
مۇكاپاتنى ئالدى ھورۇنلار .
مىسكىنلىكتە قالدى ئادالەت ،
كىسىلمەكتە يۇۋاش بويۇنلار .
باشلامچىلار قالمىغاچ ھەتتا ،
ناتۇنۇشتۇر بىزگە بۇ يوللار .
مەرۋايىتلار ئۈزۈلدى يىپتىن ،
گۇۋاھچىدۇر بۇنۇڭغا يىللار .
❤سەبىر ❤
2015.يىلى 10. ئاينىڭ 8.كۈنى .
ئاپتۇر ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ …
| 300 قېتىم كۆرۈلدى | ئالىمجان تۇرسۇن كىچىك نەزەرى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-10-9 12:43:43 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
| 
 تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
 
  	www.yazghuqilar.com 
  	新ICP备15002323号 
  	
    
 |