يولۇچىسى مەنمۇ ھاياتنىڭ - ھەبىبۇللا نوھ

يولۇچىسى مەنمۇ ھاياتنىڭ

 

ھەبىبۇللا نوھ

 

 يولۇچىسى  مەنمۇ ھاياتنىڭ،

قىسمىتىمگە ھەر خىل كەچمىش يار.

بىلەتسىزلا ماڭىمەن دېمە،

ياشاشنىڭمۇ بىلەت ھەققى بار.

 

يولۇچىسى مەنمۇ ھاياتنىڭ،

 ئ‍انام سۆزى قەلبىمدە تۇمار.

 دادام دەيدۇ غۇرورلۇق ياشا،

 بۇشاڭلاردىن بولمايمەن زىنھار.

 

 يولۇچىسى مەنمۇ ھاياتنىڭ،

ھەر ئ‍ىزىمدا نىشانلىرىم بار.

 ۋاراقدىسام كەچمىشلىرىمنى،

باغلىرى بار قاقاسلىرى بار.

 

يولۇچىسى مەنمۇ ھاياتنىڭ،

قىلمىشلارنىڭ سوراقلىرى بار.

تارىخ بىزگە يازىدۇ جاۋاپ،

 مېھىر بىلەن ياشىمىقىم بار.

 

"تۇرپان گېزىتى" دىن ئ‍ىلىندى





305 قېتىم كۆرۈلدى asrar ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-7-31 9:24:53  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-8-1 13:11:39 رازىيە
ھەبىيبۇللا سىزگە ئاپىرىن ، ئەسىرىڭىز ناھايتى مەزمونلۇق يېزىلىپتۇ ، قەلەم تولپارىڭىزنىڭ مەڭگۈ ھېرىپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ