سۆيگۈ ئارزۇسى

سۆيگۈ ئارزۇسى

 

ماڭا نەرىڭ قالغاندۇ يېقىپ،

 خىيالىمدىن كەتمەيسەن پەقەت.

 چۈشلىرىمدە سۆيىمەن قېنىپ،

 ئويغىنىپلا چېكىمەن ھەسرەت.

 ـــــ ـــــــ ـــــــ ـــــــ ـــــــ

سېغىنىشتا ئىسمىڭنى تەكرار،

 پىچىرلايمەن كۈندۈز ھەم كېچە.

 ۋىسالىڭغا يەتكۈز ئەي نىگار،

 بۇباغرىمنى پارە قىلغۇچە.

 ــــــ ـــــ ــــــ ـــــ ــــ

ساڭا ئاتاپ ناخشىلار يازسام،

 قولۇم تىترەپ قەلەم يىغلايدۇ.

 نە قەلەمكى بىلسەڭ ئەي نىگار،

 ساڭا كۆيگەن يۈرەك يىغلايدۇ.

 ـــــ ــــــ ـــــــ ـــــ ــ

 ئۆلۈپ كەتسەم ياش تۇرۇپ،

ئانا تۇپراققا كۆمۈپ قوي.

 نامىزىمنى قىلماي ھەيۋەتلىك،

 پەقەت مېنى بىرلا سۆيۈپ قوي.

 ـــــــــ ـــــــــــ ــــــــــــ ـــــــــــــــ ـــــــــ

 ئاپتور : ھازىرچە نامەلۇم

تېكىست يوللىغۇچى: ماترىكىس





177 قېتىم كۆرۈلدى MATRIX ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-6 23:39:39  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-10 15:17:34 👄
talant egisikan sz jumu bak yahxi yizypsz
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ