ئۇنتالمايمەن
ئابدۇغاپپار ئابدۇجېلىل
سەن يىنىمدىن كەتمىگىن يىراق ،
قېنىمىسۇن قەلبىمنى پىراق .
سەن قەلبىمدە ئۆچمەس شام چىراق،
سىنى مەڭڭۈ ئۇنتالمايمەن يار .
سەن بىلەمسەن كۆيگەنلىرىمنى ،
سىنى دىلدىن سۆيگەنلىرىمنى .
چىن ئەقىدە بەرگەنلىرىمنى ،
سىنى مەڭگۈ ئۇنتالمايمەن يار .
ساڭا ئاشىق سۆزلەرىم بار ،
سەن سۆيگۈمنى خارلىما زېنھار .
سەنسىز ئالەم ماڭا بەكمۇ تار ،
سىنى مەڭگۈ ئۇنتالمايمەن يار .
| 46 قېتىم كۆرۈلدى | ئابدۇغاپپار ئابدۇجېلىل | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-5 15:32:00 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|