كىتاب ئۇقۇيلى
يازغۇچى: دىيانەت
نەسىھەتىم شۇ بولسۇن دوسلىرىم ئاڭلا،
كۈندە ئۇقۇپ تۇرايلى كىتابنى ئېچىپ.
قوي كالىدەك ئۇخلاپلا ئاتمىسۇن تاڭلا،
قولغا ئېلىپ ئۇقۇيلى كىتابنى ئېچىپ.
*****
كىتاب ئۇقۇش مۇھىمدۇر بىزگە ۋە ساڭا،
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇقۇيلى كىتابنى ئېچىپ.
پايدا بەرمەس تېلىفۇن ھەرگىزمۇ ئاڭا،
بۇنى قۇيۇپ ئۇقۇيلى كىتابنى ئېچىپ.
***
قاراڭغۇدا ئول كىتاب شام بۇلۇپ يانار،
بەتلىرىگە سۆيەيلى كىتابنى ئېچىپ،
داۋام قىلساق قەلبىمىز رام بۇلۇپ قالار،
ئادەت قىلىپ ئۇقۇيلى كىتابنى ئېچىپ.
****
كىتاب ئۇقۇش تۈگىتەر تۈگىمەس غەمنى،
دەرمان ئىزدەپ ئۇقۇيلى كىتابنى ئېچىپ.
قەلىبلەرنى كىتابتىن ئالدۇرۇپ دەمنى،
نەپەسلىنىپ ئۇقۇيلى كىتابنى ئېچىپ.
****
تەۋەرۈكتۇر كىتابلار مىراستۇر بىرگە،
ۋارىسلىق قىپ ئۇقۇيلى كىتابنى ئېچىپ.
ئەجدادىمىز كىتابقا قالدۇرغان ئىزگە،
قەدەم قۇيۇپ ئۇقۇيلى كىتابنى ئېچىپ.
***
نەسىىھەتىم ئۆزگىمەس ھەم بولسۇن ماڭا،
ئۆزدىن باشلاپ ئۇقۇيلى كىتابنى ئېچىپ.
سورىساڭمۇ نىچۈن دەپ دىگەيمەن يانا،
ئۇقۇغانـــدەك ئۇقۇيـــلى كىتابنى ئېچىپ.
*****
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىپ ئىمزاسىنى ئۈچۈرمىگەن بولسىڭىز رەھمەت.
QQ:476681766
2016-11-21-PM
| 114 قېتىم كۆرۈلدى | DiyanaT | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-19 3:31:41 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|