سەن گۈلۈم ئىدىڭ - ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرتېكىن

سەن گۈلۈم ئىدىڭ


ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرتېكىن


 باغدىن ئۈزمەك بولغان گۈلۈم ئىدىڭ،
باقمىغان رايىم مىنىڭ ئۆزگە گۈللەرگە.
سانجىلسىمۇ تىكەنلىرىڭ پەرۋا قىلمدىم،
قوينۇمغا سالماق بولدۇم تېڭىپ يۈرەككە.

گۈللەرمۇ كۆپ ئىدىغۇ گۈلزار ئىچىدە،
بىلمدىم نىچۈن ئۈزمەك بولدۇم سىنى.
كىپنەككە ئازراقمۇ قىلمىدىم ھەۋەس،
بۇلبۇلدەك يېنىڭدا سايراپ ھەر كۈنى.

پۇرقۇڭنى پۇرغان شۇ دەمدىن باشلاپ،
ئىلتىجايىم بولدىغۇ بىر ماڭا ئېچىلساڭ.
قۇيۇنلار بەرگىڭنى قىلمسۇن خازان،
باغرىم قان بۇلدۇ مەنسىز ئۈزۈلسەڭ.

     





36 قېتىم كۆرۈلدى abdu4745 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-21 1:00:35  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ