قارا سىياھدەك قاپقارا كېچە - ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرتېكىن

قارا سىياھدەك قاپقارا كېچە 


 ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرتېكىن    


     قارا سىياھدەك قاپقارا كېچە  ،
قويندا چىگىش سۇئاللار ياتقان.
كىمدۇر بىرى ئۈنسىز يېغلايدۇ،
تار بۇلۇڭدا زوڭزىيىپ پىنھان.

قارا سىياھدەك قاپقارا كېچە،
شاھىد بولغان قانچە ئۆتمۈشكە.
ھەمراھدۇر يەنە قانچە ھازىرغا،
ئۈمۈد ياقىدۇ قانچە كەلمىشكە .

قارا سىياھدەك قاپقارا كېچە،
جىمجىت كېچنڭ خىيال سۇلتانى.
كۆزلەر يۇمۇق,كۆڭۈل خىيالدا،
ئىزدەپ تاپۇر سۆيگۈ نىشانى .

قارا سىياھدەك قاپقارا كېچە،
تۈن پەردىسىنى زىمىنغا يايغان.
يارىم كۆزىدەك نۇرلۇق يۇلتۇزلار،
تۈن پەردىسگە ئۈنچىلەر تىزغان.

قارا سىياھدەك قاپقارا كېچە،
ئەسكە سالدى يارىم چېچىنى.
كۆيدۈرەتتى قارا گۈلخان كەبى،
تەگسە چېچى ئۇشبۇ تىنىمنى.

قارا سىياھدەك قاپقارا كېچە،
قەلبىم خىلۋەت خىيال ئىچىدە.
كۆزۈم يۇمۇق ئۇيقىدىن بىدار،
ئول نىگارنىڭ سۆيگۈ كۈچىدە.

قارا سىياھدەك قاپقارا كېچە،
ئۆزۈم پىنھان خىيالىم چۇۋۇق.
كۆكتە ئاينىڭ كۆزلىرى قىسىق،
مارايدۇ بۇلۇتتىن ئېچىىپ يۇچۇق.
     





169 قېتىم كۆرۈلدى ئابدۇسالام ئابدۇللا ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-17 23:46:30  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ