ئۈجمە دەرىخىگە قەسىدە

         ئۈجمە دەرىخىگە قەسىدە
           خەندانە

بىزنىڭ ھويلىدا،
بار ئىدى بىرتۈپ ئۈجمە دەرىخى.
باھاردا كۆكلەپ تېزلامىۋەبىرەتتى،
چوڭلا،بالىلار قۇشلارمۇ ھەتتا،
مىھمان بولاتتى.
ئۈجمە دەرىخى،
گويا مۇھەببەت ئۇۋىسى.
باھاردا قاينايتتى،
ھويلامدا قۇشلار ناۋاسى.
باھاردا ياڭرايتتى،
ئۈجمە چىللىغان قوشنىلارنىڭ،
خوشال كۈلكە ساداسى.
مىھرىبان  ئانام،كۆيۈمچان دادام،
ئاجايىپ قىزغىن كۈتۈۋالاتتى.
سۆيۈنۈپ ،
كۆيۈنۈپ.
"قوغلىماڭلار قۇشلارنى ،
رىسقى بار ئۇلارنىڭمۇ " دەيتتى.
بىز قوغلىساق قىزغىنىپ،
رەنجىپ داغدام  ئاجاتتى ،
دەرۋازىمىزنى.
چۇۋۇرلىشىپ كىرەتتى بالىلار،
چۇۋۇرلىشىپ قۇشلار.
كۈۋەجىگەن مۇھەببەت گۇيا،
كۈۋەجىگەن لىرىكا.
ئانام كۆزىدە،ئاتام كۆزىدە،
ئۇلار بەرپا ئەتكەن،
مۇھەببەت ئۇۋىسى ئىچىدە .
چۈنكى شىرىن ئىدى ،
بۇ ئۈجمە دەرىخىدىكى،
جۈجەمنىڭ تەمى.
چۈنكى كەڭ ئىدى باغرى،
ئۆزگىچە ئىدى،
ئاتام بىلەن ئانامنىڭ مىھرى .
شاختا چوڭلىرى،
يەردە كىچىكلىرى.
"تاشلاپ بەرگىنە"دەپ
ئېگىزگە بويۇن سوزۇشلىرى.
"قىقىۋەتكىنە"دەپ
ئوماققىنە جىلمىيىشلىرى.
باھار چىلاپ كىلەتتى،
شۇ قەدەر قىزغىنلىقنى
شاتلىقنى ھاياجاننى،
بىزنىڭ ھويلىغا.
ياق…
ئۈجمە دەرىخى ئىكەن چىللىغان،
يىراق -يىقىندىن تونۇشنى، ناتۇنۇشنى…
ئوماق كىچىك مىھماننى،
ھەتتا چوڭ مىھماننى.
ياق،ياق ئەسلىدە،
قۇشلارنىمۇ ھەتتا،
چىللاپ كەلگىنى،
ئانامنىڭ باغرى،
ئاتامنىڭ باغرى.
🌲🍃🌴🍀🌲🍃🍀🌲🍃🌴🍀🌲🍃🌴🍀
ھويلىمىزدا بار،
قەدىم ئاشۇ ئۈجمە دەرىخى.
باھار كەلدى نەچچە رەت،
ئۈجمە پىشتى تۆكۈلدى.
قىنى شاخلاردىكى،
يالمانتاق كەبى،
قوشنىلارنىڭ باللىرى…
شاخلارنى ئېگىپ،
ئوچۇملاپ ئېلىپ،
يىگەن جۈجەمدىن.
بەھىر ئېلىپ قانغۇچە،
قورساقلىرى تويغۇچە،
رەھمەت ئېيتىپ قايتقۇچە،
كۆتۈرلەتتى بىر كۈلكە.
جۈجەم بوياپ قويغان ئەسلىدە،
يۈز كۆزلەرنى ئۆزگىچە.
بۈگۈن …
ۋىچىرلاشقان قۇشلارسىز،
چۇۋۇرلاشقان شوخلارسىز،
باغرى كەڭرى ئاتامسىز،
ھويلا ئاۋات بولمىدى،
ئانام چېھرى كۈلمىدى.
چۈنكى قەد كۆتۈرگەن مەھەللەمدە بىنالار،
غايىپ بولدى قىزغىنغىنە قوشنىلار.
ناتونۇش گويا،سوغۇققىنا كوچىلار.
بۇ يىل ئۈجمە پىشقاندا،
بىز بارايلى ھويلىغا.
ئېسىلايلى شاخلارغا،
شۇڭغۇيلى بىرگە
بالىلىق شوخ ھىسلارغا.
كۈلدۈرەيلى مىھرى ئاتەش ئانامنى.
باغاشلايلى ،سەبى ھىسلارغا تەڭداش،
ئاھ!شۇ سىھىرلىك ئۈجمە دەرىخىنى…

               رامىلە ھامۇت خەندانە


     

مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار :2041420589






18 قېتىم كۆرۈلدى handana ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-13 10:04:09  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ