ھاياتلىق پۈشتۈكى ( ئەختەر ) نەسىر- تىتانىكتىكى ھىسلار

         ھاياتلىق پۈشتىكى
ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
نەسىر 


تىتانىك ناملىق پاراخوتنىڭ خەتەرگە يولىقىشى ناملىق فىلىمنى كۆرگەندىن كىيىن 


مەن ھاياتلىق پۈشتىكى . مانا ، بۈگۈن مەن يەرشارىنىڭ بىر تەرىپىدىن جەنەت ماكان دەپ ئاتىلىدىغان ئامرىكىغا زامانىمىزدىكى مۆجىزە « تىتانىك » ناملىق پاراخۇتتا 2000نەچچە يۈز ھاياتلىق ئاشنالىرىنى ئىلىپ يولغا چىقتىم ، بۈگۈن مېنىڭ تۇنجى بولۇپ بۇ « مۆجىزە » خارەكتىرلىك پاراخوت بىلەن سەپەرگە چىقىشىم . راس ، بۇ پاراخوتنىڭمۇ تۇنجى قېتىم سەپەرگە چىقىشى . قاراڭ ، پاراخوت تۇرغان بۇ پورت ئادەم دىڭىزى ، ھىچ كىشىنىڭ چىھرىدە ئايرىلىش ئازابىنىڭ كۆلەڭگۈسى يوق ، ھەممە خۇشال چۈنكى بەزىلەر بۇ زاماندىكى مۆجىزە دەپ قارىلىدىغان بۇ پاراخۇتقا چىققىنىغا خوش ، بەزىلەر مەن بىلەن بىرگە ئامرىكىغا بارىدىغىنىغا خوش ، قىرغاقتىكىلەر بولسا قىرىنداشلىرىغا ، دوسلىرىغا ئامانلىق تىلەش بىلەن خوش . لېكىن بۇ قارىشىم قىسمەنلىكمۇ ئۇقمىدىم ، پاراخوتتا ئىسىلزادىلەر بۆلۈمچىسىدىن بىر قىز سۇلغۇن كۆرىنەتتى . ئەلۋەتتە بۇنداق دېسەم ھەيران قالماڭ ،بۇ زامانىمىزنىڭ مۆجىزىلىك ئابىدىسى بولغان پاراخوت نەچچە قەۋەتكە ئايرىلغان ، ئۈستۈنكى قەۋەتلىرى بۇ زامانىمىزدىكى ئىسىلزادىلىرىمىزنىڭ دەرىجە پەرىقى بويىچە ئايرىلغان قەسىرلىرى ، ئۈچۈنچى قەۋەتلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك نامراتلار بۆلۈمچىسى ، ئەلۋەتتە بۇلارغا چاشقانلارمۇ ھەمرا بولاتتى ، ئاستىنقى قەۋەتلىرى پاراخوت ئىنىرگىيە ئامبىرى ئىدى . ۋاقىت توشتى ، كاپتان ھىنىرىنىڭ مېنى بار كۈچى بىلەن چىلىشى بىلەن پاراخوت پورتتىن ئايرىلدى …
مەن ھاياتلىق پۈشتىكى . بايا مېنىڭ چىلىنىشىم بىلەن پورتتىن ئايرىلغان پاراخوت يەنە مېنىڭ چىلىنىشىم بىلەن ئەڭ يۇقۇرى سۈرەتتە ئىلگىرلىمەكتە . ئەلۋەتتە بۇ بۇيرۇقمۇ پاراخوتتىكى ئىسىلزادىلەر بۆلۈمچىسىدىكى بىر شەھۋەت پەرەس باينىڭ كاپتانغا كۆرسەتكەن مەسلەھەتى ئىدى ، بۇنىڭ بىلەن بۇ « مۆجىزە » نېڭ ئىشلىرىنى گىزىتنىڭ بىرىنچى بىتىگە باسماقچى بولىشقان ئىدى .مەن چىلىندىم ، پاراخوت پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرلىمەكتە ، پاراخوتنىڭ سۈرىتىگە گەپ كەتمەيتتى ...
مەن ھاياتلىق پۈشتىكى . نەچچە كۈن جىمجىت تۇرغان مەن بۈگۈن يىرىم كىچىدە تۇيۇقسىز چىلىندىم . سەۋەبى نامراتلار بۆلۈمچىسىدىكى بىر قەلەندەنىڭ بىر ئىسىلزادە بايۋەتچىنىڭ تويلاشماقچى بولغان قىزىغا چىقىلغانلىقى ئىدى . لېكىن ئىش ئۇنداق ئەمەس ، ئەسلى مەن ئەڭ دەسلەپ پورتتىن ئايرىلىش ئالدىدا چىرايى سۇلغۇن كۆرگەن قىز ، مەن بايا ئىيتقان ئىسىلزادە بايۋەتچىنىڭ بوغۇسى ئايالى بولۇپ ، لېكىن ئۇنىڭ بۇ تويغا ۋە بۇ سەپەرگە رازىلىقى يوقلىقى ئۈچۈن يىرىم كىچىدە ئۆلۋالماقچى بولغان ، لېكىن نامراتلار بۆلۈمچىسىدىكى بىر يىگىت ئۇنى قۇتۇلدۇرۋالغان . ئەپسۇس ،  «ياخشى ئىش بوسۇغا ئاتلىغۇچە ، يامان ئىش جاھان تاراپتۇ » دىگەندەك تاراق - تۇرۇقتىن چۆچىگەن ماتروسلار مېنى چىلىشىپ يۈگۈرۈپ كېلىشكەن ئىدى .
مەن ھاياتلىق پۈشتۈكى . مانا ، مەن يەنە چىلىندىم ، بۈگۈن مەن ئىككى نائەھلىنى تۇتماقچى .  ئۇ نائەلىلەر باشقا بىرى ئەمەس ، دەل مەن قايسى كۈنى خورلىنىشىغا سەۋەپ بولغانلار ئىدى . بۇلار بۇ نەچچە كۈندە بىرقانچە قېتىم كۆرۈشۈپ ھىسياتىنى ئورتاقلىشىپ بولغان ، بۈگۈن تەڭرىنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئاشىق لەۋلەر ۋىسال تىپىشقان ئىدى . لېكىن مەن شۇ كۆرەلمەس بايۋەتچىنىڭ قولى ئارقىلىق چىلىنىپ ئۇلارنى تۇتۇشقا ئادەم چاقىردىم . ...
مەن ھاياتلىق پۈشتىكى . ئەيھۇ ھاناس !! ماتروس بوينىدا ئىسىقلىق تۇرغان مەن نىمە كۆردۈم . تىنىچ دىڭىز يۈزىدە ئالدىمىزدىكى نەچچە ئىنگىلىزچىسى كىلىدىغان جايدا  خادىتاشنىڭ بارلىقىنى ... مەن شۇنداق غەزەپ بىلەن چىلىندىمكى ، چىلىنىشىم بىلەن ھەممە پاتپاراق بولۇپ پاراخوتنى بۇراشقا باشلىدى ، ئەپسۇس ، مەن چىلىنىشقا كېچىككەن بولغاچقا ، ھەممە جان - جەھلى بىلەن تىرىشقان بولسىمۇ ، پاراخوت خادا تاشنىڭ گىرۋىكىنى سوقۇپ قويدى .... پاراخوت چۆكۈشكە باشلىدى ، مانا ، شۇندىن باشلاپ مەن ھەركىملەرنىڭ قولىدىكى ھەمراھلىرىم بىلەن بەس - بەستە سايراشقا باشلىدىم. ھەممە دەسلەپ ماتۇرۇسلارنىڭ  مېنى چىلىشى بىلەن تەرتىپ بويىچە قۇتقۇزۇش قولۋاقلىرىغا چىققان بولسىمۇ ، پاراخوتنىڭ چۆكىشىگە ئەگىشىپ ، مېنىڭ سايرىشىممۇ كار قىلمىدى ، ھەممە جان قايغۇسىدا ئاھ جان ، ۋاھ جان دەپ ۋارقىرىماقتا، بىر - بىرىنى رەھىمسىزلەرچە ئىتتىرىپ قۇتقۇزۇش قولۋاقلىرىنى تالاشماقتا . تەدرىجى ھەممە ئەسەبىلەشتى ، مېنىڭ سايراشلىرىممۇ ھىچ كىشىگە ئاڭلانماس بولدى . سايراشلىرىمنى جان قايغۇسىدا تىپىرلاۋاتقان تەنلەرنىڭ پىغانلىق ۋارقىراشلىرى ، باشقىلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىتىلغان تاپانچا ئوقلىرى ئالغان ئىدى ....
مەن ھاياتلىق پۈشتىكى . مەن چىلىندىم ، بۇ قىتىم ئاستىنقى بۆلۈمچىدە يۈرەك بىغىشلىرى ئاللىقاچان تۇتۇشۇپ كەتكەن بايىقى ئىككى ۋىسال ئاشىقلىرىنىڭ ياردەمگە ئادەم چاقىرغان چاغدا چىلىنغان ئىدىم ، ئەپسۇس ، تولىمۇ ئەپسۇس ! جان قايغۇسىدا يۈرگەن ئۇ تەنلەر مېنىڭ سايراشلىرىمنى ئاڭلىسۇنمۇ ؟ ئاڭلىغانلىرىمۇ تاتلىق جىنىنى دىڭىز ھەرىلىرگە يەم بولۇپ كېتىشىگە چىدىماي كارى نوپ يۈرۈشمىدىمۇ ؟ ھايات شۇنداق رەھىمسىز ، مۇشۇنداق ئەجەل ئۇدۇقۇشلىرىدا مېنىڭ سايراشلىرىم ھىچ نەرسىگە دال بولالمايدۇ ، شۇنىڭغا كۆزۈم يېتىپ ، بۇ ھايات ئاشناسىنىڭ يۈرۈكىدە سايراشقا باشلىدىم .....
مەن ھاياتلىق پۈشتىكى . سايراۋاتىمەن ، ئەشەددىي ، تەرەپ - تەرەپتىن سايراۋاتىمەن ، ھەممە ئەلەم بىلەن مېنى بولىشىغا سايرىتىپ قۇتقازغۇچىلارنى چاقىرماقتا . لېكىن ھەممە ئۆز ئىشىدا ، ئۆز جىنىدا ، ھايات سەكرات پۈشتەكلىرىنىڭ سايراشلىرى ئاستىدا .....
مەن ھاياتلىق پۈشتىكى . مەن بىر ماتىرۇس نىڭ قولىدا ، غەزەپ بىلەن چىلىنۋاتىمەن ، قۇتقۇزۇش تەلەپ قىلۋاتىمەن . ئەپسۇس ، كىممۇ ئاڭلىسۇن ، ئاڭلىغانلار نىمە قىلالىسۇن؟ . تىخى بايىلا دۇنيا مۆجىزىسى ، مېنىڭ سايرىشىم بىلەن پورتتىن ئايرىغان « تىتانىك » نىڭ چۆكۈپ كېتىشىگە كۆزۈمنى پاقىرتىپ تۇرۋاتقان تۇسام, مەن سايرىغىنىم بىلەن قانداق قىلالايمەن دەيسىز ؟ لېكىن يىنىمدا بايىقى ئىشقى ئاشىقلىرى جان تالىشىپ تۇراتتى ، قىز تاختا ئۈستىدە ، يىگىت سۇغا چىلىشىپ تۇرغان ئىدى .....
مەن ھاياتلىق پۈشتىكى . كۆپ ئادەملەر سوغۇق دەستىدىن ئۆلۈپ كەتتى ، يىنىمدا يىگىت قىزغا ئەڭ ئاخىرقى ۋادالىشىش  سۆزىنى ئىيتماقتا ئۇ ؛
- سىز چوقۇم ياياشاڭ ، مەن سىزنى سۆيىمەن …… دىگەندەك ئىزھار سۆزلەر ئىدى . قىز ماڭا قاراپ قويدى ……
مەن ھاياتلىق پۈشتىكى . قىز ناخشا ئىيتماقتا ، يىگىت قىتىپقالغان ئىدى . بايا مىلېنى كۈچەپ سايرىتىۋاتقان  ماتىرۇسمۇ سوغۇققا جان بەرگەن ئىدى . ئەتراپ جەسەت بىلەن توشقان ، دىڭىز يۈزىنى بەئەينى نىلۇپەر يۇپۇرماقلىرى ئىگەلىگەندەك  ، قاتار تىزىلىپ رەت - رىتى بىلەن تۇراتتى . بىر قولۋاق بىز تەرەپكە كەلدى ، ئۇلار تىرىك ئادەم قالمىغان ئىدى . تەڭرىنىڭ ھىكمىتى بار دە ، قىزمۇ ئوغۇلنىڭ تەلىمىنى چىڭ ساقلاپ ، سەكراتتا تۇرۇپمۇ ماتىرۇسنىڭ يىنىغا  بىرىپ  ماتروس ئىغىزىدىكى مېنى بار كۈچى بىلەن چالاتتى 

،ئۈنۈمى بولدى ، ئادەم ئىزدەۋاتقانلار مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلاپ قىزنى قۇتقۇزدى ، مەن بىر ھاياتقا شاھىد بولدۇم .......
مەن ھاياتلىق پۈشتىكى . نەچچە يىللاردىن كىيىن شۇ «،تىتانىك » ناملىق پاراخوتنى ئىزدەپ كەلگەن باشقا بىر پاراخوتتا ، ۋىسال ئاشىقى قىزنىڭ قولىدا مەن قايتا سايرىدىم ........


تەۋسىيە : مەن بۇ ئەسىرىمنى مەزكۇر فىلىمنى كۆرۈپ تەسىر قىلغان نۇقتىلارنى تۇتقا قىلىپ يازدىم ، بارلىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەنقىدىي پىكىر بىرىشىنى ۋە ، شۇ فىلىمى كۆرۈپ بىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن ………!

ئاپتۇردىن      



ئاپتۇرى : ئابدۇقەييۇمجان ( ئەختەر )
ئۈندىدار : 2041420589
2017- يىلى 6- ئاينىڭ 13- كۈنى ، تۈن يىرىم ، ئۈرۈمچى
      


     


     





216 قېتىم كۆرۈلدى AHTAR ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-14 3:33:36  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-6-14 7:15:18 مۇرادىل ئىسھاق باسىتى
ياخشى چىقىپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ