دوستۇمغا (غەزەل) - ئ‍ادىلجان ئ‍وتقاش

 دوستۇمغا
 
 (غەزەل)

 *ئ‍ادىلجان ئ‍وتقاش سەھرايى*

بايان ئەيلەي ساڭا ئەي دوس ئالدىڭدا مىڭ  خىجالەتتە،
ساڭا غەمخان بولالمىدىم  قىيىن  كۈندە  مۇشاقەتتە.

تەشۋىشلەر سالسا شەيتان قىچىپتىمەن ھەي ،جان قۇتقۇزۇپ،
تامچە قان ھىچ چىقارمىدىم بۇرادەر دەپ  ئ‍ادالەتتە.  

باشىڭغا  مىڭلاپ كەلسە دەرتلەر  تاغۇ-تاشنى  يارغۇدەك،
ھالىڭ نىچۈك  دىيەلمىدىم  ياكى ھەق سۆز شىجائەتتە .
 
قىيامەتلىك بۇرادەرلەر بولۇشقانتۇق ۋەدە  قايان،
ھەمراھ بولغان ئىدىم  بىر چاغ چاھار باغدا پاراغەتتە.

ۋادەرىخا ! كەلدى بىر كۈن قاينار ۋىجدان كىچەيۇ-تۈن،
ياشاپتىمەن ئا‍دىمى ھايۋان كەبى ھەي، قىياپەتتە.

تەلمۈرۈپ مىڭ قارىساڭ  سۇنالمىدىم ھەي، مىھىرلىك   قول،
ئەھدىلەرمۇ قىلغاچ غىرىپ ، شاھ  بولدۇم مەن خىيانەتتە.

كەچۈر ھەي  دوسىت  ساڭا قارار يۈزۈم يوقتۇر ھەقكە ئايان ،
ئۇچىرىشارمىز  قاينام بولغان تاڭلا شۇ دەم  قىيامەتتە.

كۈتكۈنۇڭ ئ‍ەمەس ئ‍ىدى ھەي، ساڭا كەلگەن جەبىر زۇلۇم ،
قەرىزدارمەن  چۇشەنسەم ھەي، ئ‍الدىڭدا مەن ساداقەتتە.

قارا بۇلۇت سايە تاشلاپ كەلسە غىرىپ شۇل كەپەڭگە،
يانماپسەن ھىچ  ئ‍ەمدى بىلسەم ئ‍ەسلا ھەق-يول سائ‍ەدەتتە.

ۋىجدان -غورۇر ماڭا بوپتۇ قۇرۇق سۆز ھەم رىيائەتلەر ،
سىتىپتىمەن پۇلنى كۆزلەپ نەپ ئ‍الدىدا تىجارەتتە.

قىرىندىشىم  ئ‍ىدىڭ ئ‍ەپسۇس ھايات بىغىڭ خازان بولدى،
بۇيۇن ئ‍ەگمەي ياشاپ كەپسەن شۇنچە  ئ‍ازاپ-ئ‍ۇقىبەتتە.

يىگەنلىرىم بولدى تاشلار، ئ‍ىچكىنىم ھەي، زەھەر ،كەكىر ،
قانداق جاۋاپ بىرەي ئ‍ەمدى ئ‍ۆز ۋىجدانىم جىنايەتتە.

ئ‍ەس ھوشۇمنى يوقۇتۇپ مەن  بولدۇم مۇردا بىھۇش بىر تەن،
ياشماپتىمەن  ئ‍ەركەك بولۇپ ھەي، ئ‍ۇشبۇ جان  ئ‍امانەتتە.

قۇلقىم گاس ھەم،كۆزۇم كۆرمەس بوپتىمەنغۇ  ھەقنى سەزمەس.
ئ‍ەل ئ‍الدىدا يۇزى قارا ، بولدۇم كۆپ مىڭ ئ‍اھانەتتە.

ھەق بىغدا بىر بۇلبۇل ئ‍ىدىڭ  زەپمۇ مۇڭلۇق سايرىغان،
كەلسە زۇلمەت ياندۇرالمىدىم نۇر  چىراق قاباھەتتە.

كەچۈر ئەي  دوس ، مەندەك ئ‍اسىي خىيانەتكار، بۇرادەرنى،
ماڭالمىدىم ھەق يوللاردا تۇرۇپ مەھكەم دىيانەتتە.

ئ‍ارمىنىم يوقتۇر ئ‍ەسلا ئ‍ۇچۇپ كۆكلەردە پەرۋاز قىلساڭ،
بەخىت شۇلدۇر دۇئ‍الىرىم بولسا بىر كۈن ئ‍ىجابەتتە.

2016-يىل(دىكابىر)
     





84 قېتىم كۆرۈلدى otkax ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-18 5:10:01  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ