غەيۋەتخورلارغا (شېئىر)
قۇندۇزئاي
بەزىلەر غەيۋەت دەپ تۇغۇلغانمىكىن،
غەيۋەت قىل دەپ بىرى بۇيرىغانمىكىن،
غەيۋەتنى تاماق دەپ ئويلىغانمىكىن،
ھەي توۋا ھەيرانمەن غەيۋەتخورلارغا.
كوچىدىن ئۆتسە گەر بىر گۈزەل ئايال،
كۇسۇلدار شۇ ھامان بولمايدۇ مالال،
دەرتېشى پال پالدۇر ئچىدۇر غال غال،
نىمە دەي ھەيرانمەن غەيۋەتخورلارغا.
گەپ تولا بىرىنڭ ئۆيىگە كىرسە،
ھۆكۈمەت سېپ بەردى يۆلىدى دېسە،
بالىسىغا ئوقۇش پۇل تۆلىدى دېسە،
گەپ يەمدۇ سۆزلىسەك غەيۋەتخورلارغا.
ھەيدىسە بىرلىرى ئېسىل ماشىنا،
دەر شۇئان بانكىدا قەرزىمۇ تولا،
قەرزى يوق ۋېلىسپىت مىنسىمۇ گەپ بار،
بۇ غەيۋەت تەييارمۇ غەيۋەتخورلارغا.
بايلارنى چىڭ سىقىپ باي بولدى دەيدۇ،
ھال كۈنى ئاراننى ئوھوس ۋاي دەيدۇ،
كۆزلىرى ئۆزىنى زادى كۆرمەيدۇ،
دەيمىكى ئۆزۈڭچۇ غەيۋەتخورلارغا.
بوپ بېرەر مەلىدە بىرسى توي قىلسا،
ئۇيقۇ يوق تويلۇقنى بىربىر ئۇقمىسا،
ساختا دەر ئالتۇننى كۆرۈپ تۇتمىسا،
نە جاپا بۇئىشلارغەيۋەتخورلارغا.
قاتتىقراق كۈلسىمۇ دىڭ بولارقۇلقى،
ۋارقىراش جىدەلنى كۈتەرشۇ تۇرقى،
دەرتېخى سوقۇشقاق بۇ خەقنىڭ ئۇرقى،
دەم ئېلىش بەرمەمدۇ غەيۋەتخورلارغا.
بىراۋنىڭ ئايالى تۇغسا بۇرۇنراق،
دەر ھامان ئۇ تويدىن بۇرۇنقى بوۋاق،
ئىشەنمەس ئىنسانغا،ھەي تاڭەي ياق ياق،
بۇ قىززىق تېمىدۇر غەيۋەتخورلارغا.
قېنىغا سىڭگەچكە قان كەبى غەيۋەت،
غەيۋەتتىن تۇغدۇرار ئۇرۇشلار ھەيۋەت،
ياخشىغا ساختىلار ئارلاشسا مەينەت،
بىرسوراق يوقمىدۇ غەيۋەتخورلارغا.
162 قېتىم كۆرۈلدى | kunduzay | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-10 0:22:43 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|