بوۋامنى ئەسلەپ
زۆھرە
ۋاقىتسىزلا كەتتىڭ دۇنيادىن،
يىنىمىزدىن يوقالدىڭ تىزلا.
"ياتار جايىڭ جەننەت بولسۇن "دەپ ،
ھەر نامازدا قىلىمەن دۇئا.
خوش دىمەيلا كەتتىڭ جان بوۋا،
كۆرەلمىدىم يۈزۈڭنى ئەسلا .
كۆڭلۈم يېرىم رازىلىق ئالماي ،
رازى ئىدىم سېنىڭدىن بەكلا.
سېنى شۇنداق سىغىندىم بوۋا ،
ھىكايەڭنى ئاڭلىغۇم كەلدى.
تەكرار ئاڭلاپ ياد بولۇپ كەتكەن
كونىلىققا ھەم قايتقۇم كەلدى .
سېنى شۇنداق سىغىندىم بوۋا ،
كۆز ئالدىمدا پايانسىز دالا .
سەن بىلەن مەن،ئالدىمىز يايلاق ،
ئوتلاپ يۈرەر بىر توپ قوي-كالا .
ئىچ- ئىچىمدىن ئازاپلىنىمەن،
ئەسلەپ قالسام ئۆتكەن كۈنلەرنى.
گەپ ئاڭلىماي قەغىشلىك قىلىپ ،
ساڭا بەكمۇ جاپا سالغاننى.
كەچۈر بوۋا !بەكمۇ كېچىكتىم،
چوڭ بولمىسام بوپتىكەن ئەسلى .
سېنىڭ بىلەن ياشىغان كۈنلەر،
ھاياتىمنىڭ ئەڭ گۈزەل پەسلى .
| 26 قېتىم كۆرۈلدى | زۆھرە | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-22 23:53:09 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|