ئانىلار ئۇلۇغ

ئانىلار ئۇلۇغ

 

دىلشات ئابدۇسەمەت

 

 ئانىنى قىلماق رازى بىزلەرگە قەرىز،

 يەتتە رەت مەككىگە ئاپارماق پەرىز.

 ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتما ھەرگىز،

دۇنيادا ھەممىدىن ئانىلار ئۇلۇغ.

 

ئانىلار يىغلىسا يىغلايدۇ تاغلار،

 ئېچىلىپ كۈلمەيدۇ ھەتتاكى باغلار.

 ئەيمىنىپ يىغىدىن يۈتەر يۇلتۇزلار،

دۇنيادا ھەممىدىن ئانىلار ئۇلۇغ.

 

ئاناڭسىز ئۆيۈڭدە يانمايدۇ چىراق،

 ئاناڭ يوق ئېتىڭمۇ چاپمايدۇ يىراق.

كەتسىمۇ ئەبەدكە كەلمەيدۇ بىراق،

 دۇنيادا ھەممىدىن ئانىلار ئۇلۇغ.

 

 ئاناڭ بار ھەممىدىن كۆڭۈللېرىڭ توق،

 ئاناڭ بار دۇنيادا غەملېرىڭمۇ يوق.

 ئاناڭ بار جاھاندا يۈرۈشلېرىڭ شوق،

 دۇنيادا ھەممىدىن ئانىلار ئۇلۇغ.





343 قېتىم كۆرۈلدى guqung ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-26 10:37:38  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ