نەۋرۇز دىمەك يىل بېشى دىمەك
مەتتۇردى يۈسۈپ
نەۋرۇز دىمەك يىڭى يىل دىمەك،
نەۋرۇز دىمەك يىڭى كۈن دىمەك.
نەۋرۇز دىمەك يىل بېشى دىمەك،
نەۋرۇز دىمەك ئىش بېشى دىمەك.
نەۋرۇز دىمەك باھار دىمەكتۇر،
كەلسە باھار كىتەر زىمىستان.
يېشىل توننى كىيىپ ھەممە جاي.
زىمىن يۈزى بۇلار گۈلىستان ،
كەلسە باھار كۆكلەر تەبىئەت،
كەلسە باھار كۈلەر رەئىيەت.
كەلسە باھار ئېچىلىپ گۈللەر،
بۇلار جاھان بەئەينى جەننەت.
كەلسە نەۋرۇز مەشرەپ قاينايدۇ،
يۇرت-يۇرتلادا ئوغلاق ئوينايدۇ.
جەم بۇلۇشۇپ چوڭ كىچىك ھەممە،
نەۋرۇز ئېشى ئىچىپ قانمايدۇ .
نەۋرۇز بولسا ئەجدادىمىزدىن،
بىزگە قالغان بۈيۈك ئەنئەنە.
شۇڭا ئۇنى تەۋەرۈك بىلىپ،
ئۆتكۈزىمىز قىلىپ تەنتەنە.
نۇرۇزنى قۇتلۇقلاپ..ئۈمىدۋار
ئۈندىدار: 2358682788
2016.3.20 ئۈرۈمچى
121 قېتىم كۆرۈلدى | مەتتۇردى يۈسۈپ | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-3-20 19:50:16 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|