بۇ كېچە
رىزۋانگۈل (مودەن)
قىززىق كۆزدىن ئاقماقتا تىنماي ياشلار بۇ كېچە،
دەرىت-ئەلەملەر قىينايدۇ، قاتتى باشلار بۇ كېچە.
ئەزدى دىلنى ئاھ!-ئەجەپ،ئاشتى يەنە ھەسرىتىم،
پەقەت ئۆكسۇش ،ئىسەدەش ،بولدى ئاشلاربۇ كېچە.
…،،،،…،،،،…
كەتتى دەزلەر ئەجەپكى ئاغرار يۈرەك بۇ كېچە،
ھالسىرىدى بۇ جىسمىم يوقتۇر تىلەك بۇ كېچە.
ئارمانلىرىم تۇنجۇقتى ،ئازاپ بولدى قەبرىسى،
پەقەت ئۆكسۈش،ئىسەدەش، بولدى يۈلەك بۇ كېچە.
…،،،…،،،…
يۇقال ئازاپ دېيىشكە جۈرئىتىم يوق بۇ كېچە،
ئاچچىق ئازاپ ھەسرەتكە يۈرەكىم توق بۇ كېچە.
جاۋابسىزدۇر سۇئاللار ،تاپالمىدىم قانائەت،
ئۆكسۈش ئىچرە ئەي يۈرەك توختىماي سوق بۇ كېچە.
2016-يىل5-نۇيابىر.مايتاغ
73 قېتىم كۆرۈلدى | رىزۋانگۈل ( مودەن) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-7 10:51:23 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|