قاردىكى تۇيغۇ

قاردىكى تۇيغۇ

 

ئىپارگۈل ئوسمان

 

قار ئېتىشىپ يۈرەر بالىلار،

 بالىلىقنى ئېسىمگە سېلىپ.

 تاتلىقلارنىڭ خۇشاللىقىغا ،

 قاراپ قالدىم مەستلىكىم كېلىپ.

 

خىسلەتكە باي ئاقتىن ئاپئاق قار،

قەلىبلەرگە سالدى ھاياجان.

 ئاق دەپتەرگە ئوخشىدى دالا،

شۇ دەپتەردەك بولارمىز قاچان.

 

 خۇشلۇقىدىن سىغماي قىنىغا،

 بوۋاي ياسار سەبئى بالىلار.

كىملىرىنى سېغىندى كىملەر،

 ئېلىپ كېلەر ۋىسال ئاپئاق قار!!

 

2015-يىل 10-دېكابىر ئاقسۇ





166 قېتىم كۆرۈلدى ئىپارگۈل ئوسمان ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-30 15:57:02  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-2-15 22:20:02 ھوشۇر ئامىرجان ئاتەشى
خىسلەتكە باي ئاقتىن ئاپئاق قار﯐ قەلىبلەرگە سالدى ھاياجان.  ئاق دﺓپتەرگە ئوخشىدى دالا﯐ شۇ دﺓپتەردﺓك بولارمىز قاچان. ھەقىقەتەن مەنىسى چۇڭقۇر ئىكەن .غەيرەت قىلىڭ .تالانتىڭىز بار ئىكەن.
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ