كەلگىن :گۈزەل بايدىن تۇرسۇنجان قايىم ئىقبالى

         كەلگىن    

ئىشقى ئوتۇڭ پىراقىڭدا كۆيدۈرمە مىنى،
كۈندۈز كىچەخىيالىمدا ئويلايمەن سېىنى.
ئىشەنسەڭ  جۆر بۇلۇپ يار كەلگىنە  قېنى،
ساڭا بېرەي پاك  سۆيگۈ چىن مۇھاببەتنى.

چۈشەنسەڭ بىلىپ يەتكىن  ئاشىق دەردىنى،
بارچە ئازاپ ھەسرەتلەرگە قالدۇرما  مېىنى.
باشقا قىزغا تەڭ قىلماسمەن گۈزەل سىېنى ،
كەلگىن بېرەي پاك  سۆيگۈ چىن مۇھاببەتنى.

ئاشىقلىقتا ساراڭ قىلىپ  ئۆلتۈرمە  مېنى،
ئېيتىۋالاي مۇھاببەتلىك يۈرەك سۈزۈمنى.
قۇربان قىلاي سەن ئۈچۈن ئەزىز جېنىمنى،
كەلگىن بېرەي پاك سۆيگۈ چىن مۇھاببەتنى.

ئاپتۇرى: تۇرسۇنجان قايىم «ئىقبالى»
   2016.8.23
     





46 قېتىم كۆرۈلدى ihbali ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-23 14:03:52  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ