يېرىلامدۇ يۈركۈم - ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرە تېكىن

يېرىلامدۇ يۈركۈم

ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرە تېكىن


ئاچچىق يېغا زورلايدۇ مېنى،
كۆزلەرىمدىن ياشلار تۆكۈشكە.
يەنجىۋەتتى قەھرىم سەۋرىمنى،
قارشى ھەممنى ئىچىم يۈتۈشكە.

يالغانلار پۇچۇلاپ يۈرەكىمنى،
بوغۇلدى نەپىسىم يەتمەي تىنىقلار.
يۈرەكنى قىلدى يېرلغان زاغىرا،
ياندىن ئېيتىلغان يالغانچىلىقلار.

كۆكتە قۇياش زىمىن قاراڭغۇ،
بېشىم ئېغىر يۇمۇلدى كۆزۈم.
چىڭقالدى مەيدەمنڭ سول تەرپى،
يېرىلامدۇ نېمە مېنىڭ يۈرۈكۈم.

2016.12.11
     





39 قېتىم كۆرۈلدى abdu4745 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-12 0:20:08  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ