خىيالىم

خىيالىم

 

ئ‍اپتۇرى: ئابدۇرسۇل ئ‍ەزىز 

 

 تىمتاس كېچىدە خىيالىم ئ‍ويغاق،

 خىيالى دۇنيادا ياشىسام كېرەك.

 گۈزەل بولغاچقا چەكسىز خىيالىم،

 چۈشۈمدە شۇ گۈلۈم ماڭا يار يۈلەك.

 

كۆزىمنى يۇمساممۇ ئ‍ويقۇ يوق ماڭا،

 قەلبىمدە چېچەكلەپ تاتلىق خىيالىم·

 سېغىنىم ھەر كېچە سىنى ئ‍ويلىسام

 كىرەرمۇ چۈشۈڭگە مىنىڭ سىمايىم.

 

 ئ‍ۇزۇن بىلىندى ھەر كېچە ماڭا،

 خىيالىم ئ‍ۈمۈتتىن يىراق قالغاچقا·

قاچانمۇ خىيالدىن يىراق تۇرارمەن،

 قەلبىمدە مۇھەببەت داغى بولغاچقا.

 

بەلكىم بۇ خىيال ئ‍ارتۇقچە ماڭا،

غەمسىز كۈنلەرگە قايتىپ بارغۇچە.

بىلىمەن ئ‍ۇ كۈنلەر كەلمەسكە كەتتى،

بىلىم مۈكچىيىپ قېرىپ ئ‍ۆلگىچە.

 

 ھەر كاللىدا مىڭ خىيال دەپتۇ كونىلار،

 بۇ سۆز بەك توغرا مەناسى چۇڭقۇر·

خۇددى ئ‍ويلىسام بوۋام ئ‍ېيتقاندەك،

 خىيالسىز غەم قىلماي ئ‍ۆتكىنىڭ شۇدۇر.

 

 2016-يىلى 1-ئ‍اينىڭ 29-كۈنى كۇچا (جۈمە كەچ سائەت 11:26)





111 قېتىم كۆرۈلدى rusul ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-31 22:36:48  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ