تۆھمەت قىلما بىگۇنالارغا (شېئىر) - ماھىنۇر ئابدۇرھېم

تۆھمەت  قىلما  بىگۇنالارغا (شېئىر) 

 ماھىنۇر  ئابدۇرھېم


ئادەم  بولۇپ  تۆرەلدۇق شۇنداق،
چىن ئادەمدەك ياشايلى  ئۇزاق .
ئەجدات  روھى  بولمامدۇ  يورۇق،
قۇرماي  ئۆتسەك ھەقلەرگە  توزاق .

بەزىمىز  بار ،ھەسەتتىن  نېرى ،
ھەم بەزىمىز كەلمەيمىز  بېرى .
كۆر قىلىدۇ  كۆزىمىزنى  ئۇ  ،
كەتكەنلەرمۇ جىم ياتماس يېرى .

ئاقنى ئاق  ياشىغان  قېنى ؟
ھەقنى ناھەق  دىمىگەن  قېنى؟
بۇ  ھاياتتا  تاجىلار  تاقاپ  ،
شاھ  تەختىدە يۈرگەنلەر  قېنى؟

تۆھمەت   قىلما   بىگۇنالارغا  ،
ئۇلارمۇ  ئۆز  قېرىندىشىمىز .
مەنپەئەت دىگەن  شۇنچە مۇھىممۇ ؟
ئۈزىۋەتمە بىزنىڭ  رىشتىمىز  .

ھەق  ئېگىلىپ قالىدۇ  بەزەن ،
لىكىن  پۈتۈن  سۇنۇپ  كەتمەيدۇ .
بىلسەڭ  ھەقنىڭ  نۇرلىرى يورۇق ،
يورىتىدۇ  ئۆچۈپ  كەتمەيدۇ .

بىز  ھەمىمىز يىلتىزداش قانداش،
شۇڭا  ئۆملۈك  بىزنىڭ  نامىمىز  .
تۆھمەت  قىلساق  بىگۇنالارغا ،
قانداق روناق تاپار  ئېشىمىز  .
     





206 قېتىم كۆرۈلدى ماھىنۇر ئابدۇرھېم ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-20 21:28:12  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-2-21 17:41:17 مەرھابا
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ