سۆيگۈڭنى بەر
سۆيگۈڭنى بەر

 دىلشات ئابدۇسەمەت 

 قىينالدى جېنىم بۇ ھەسىرەتلەردىن، 
ئۇنۇتمىغىن ئەزىزىم كۆڭلۈمدە سەن بار.
 بىر سىنىلا سۆيۈپ ئۆتەي ھاياتىمدا،
 تاشلىمىغىن گۈلۈمنى سۆيگۈڭنى بەر.

 مېنى تاشلاپ يىراقلارغا كەتسەڭمۇ مەيلى،
 بەرگەن قىزىل گۈلۈمنى ئاتساڭمۇ مەيلى. 
ئۇچراپ قالسام ناۋادا قاچساڭمۇ مەيلى،
تاشلىمىغىن گۈلۈمنى سۆيگۈڭنى بەر. 

 ئىشقى ئوتۇڭ پىراقىڭدا بولدۇم سەرسانە، 
ئالالمىغاچ شۇ كۆڭۈلنى بولدۇم پەرۋانە.
 بەرمىگەچكە شۇ كۆڭلۈڭنى بولدۇم ۋەيرانە، 
تاشلىمىغىن گۈلۈمنى سۆيگۈڭنى بەر.




104 قېتىم كۆرۈلدى guqung ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-28 16:03:43  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ