تەسەللىي
نۇرئەھمەدجان مەمتىمىن شەرئى
ئارزۇيۇم جار سالسام ئالەمگە مەزمۇت،
ۋۇجۇدۇم قىتىدا شۇنداق بىر سۆيگۈ.
تىلىگىم يوق مىنىڭ،سوقمىسۇن دەپ جۇت،
پاك ئىخلاس ئەقىدەم كۇپايە مەڭگۈ.
سۈرتىۋەت يىشىڭنى ئازابىڭنى ھەم،
كەل دىلبەر ئەيمەنمە باغرىمغا چۆككىن.
ئازمىدى،دەردىڭگەقوشمىسۇن دەرت غەم،
چىن مىھىر سۆيگۈمنىڭ قوينىغا مۈككىن.
قايرىلىپ قارىما ئۆتمۈشكە ھەرگىز،
ئۇنۇتقىن ھەممىنى تەغدىر ئىلكىڭدە.
باغلا ردا گوياكى سەن قىران نەرگىز،
ئىچىلسۇن جىلۋىدار ئۈمىد قەلبىڭدە.
ياش تۆكۈپ يىغلايدۇ،راست يالغان ئۈچۈن،
بولماقتىن بىۋاپا دۇنيادا سىرداش.
سورىساڭ يەنىلا جاۋابى«نىچۈن»،
پەقەتلا كېلىدۇ ھەسرىتى مۇڭداش.
ئۇنتۇلغان كۈنلەرنى ئەسلىمە زىنھار،
تارتىشما تاشلىغىن چۆرۈپ يىراققا.
تەنھا سەن ئىھتىمال كەلگەندە باھار،
ۋەلىكىن جۈردۇرمەن ئۇشبۇ پىراققا.
قۇياشنى كۆرەتتىم چىھرىڭگە باقسام،
دەرىخا ئەمدى كۆپ يۈرۈگۈم كۆيەر.
بۇ دەملەر ۋىسالنىڭ قىنىدا ئاقسام،
مىسلىسىز شادلىقتا ھاياتىم كۈلەر.
تۈگەيدۇ ھەممىسى كۈل بولسام،ئەمما،
ئايرىلىپ ياشاشقا بەرمەيمەن قەسەم.
جۇدالىق ھىجرانى تاشلاپ مۇئەمما،
ياخشىمۇ ئېزىقسام قەدەممۇ قەدەم.
ۋاز كەچمە سۆيگۈدىن گۈزەل ئۈلپەتتىن،
يۈرىيمەن يۈرىيسەن دىلخانەڭ پۇچۇق.
بەخىتنىڭ ئاپتىپى چىقار كۈلپەتتىن،
كىلىدۇ ھامان يول ئىشىكلەر ئوچۇق .
ئالدىڭغا قارا، بول ئۆزۆڭگە بايان،
كۆمىۋەت قايغۇنى پىنھانغا مەھكەم،
ھەتتاكى بولمىسۇن كۆڭلۈڭگە ئايان،
دىمىسۇن ئەللەيلەپ كۆز يىشىڭ ئەركەم.
نىسىۋەڭ ھەققىڭ بار،سائادەت بۇدۇر،
يازدۇرما كۈنۈڭگە ساقتا ھىكايەت،
بىلمەيسەن ئۆمۆرنىڭ قىسسىسى شۇدۇر،
كىمدىن كىم كىملەرگە قىلار رىۋايەت.
2016-12-31-كۈنى كەچ..........شەرئى
40 قېتىم كۆرۈلدى | xirhan | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-1-4 1:50:37 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|