يىڭى يىل
<ي>ھەرىپى بىلەن باشلانغان شېئىر
نەۋبەر ھامۇتجان
يىقىنلاشتى يەنە يېڭى يىل ،
يىڭىلاندى يىپيىڭى يېشىم .
يادلىغاندا يۈتكەن يىللارنى،
يۈزلىرىمگە يامرىدى يېشىم.
يادىمدىدۇر يەتتە ياشلىرىم ،
يىرتىلغاننى ياپاتتۇق ياماپ.
يوقتى ياخشى يەل يىمىش يەنە،
يۈگۈرۈشۈپ يۈرەتتۇق يايراپ .
ياشىغانتۇق يوقسىزچىلىقتا،
يانچۇقلاردا يوق يېرىم ياماق .
ياستۇقمۇ يوق يەردە ياتاتتۇق ،
يوقتى ياكى ياسىداق ياتاق .
ياقتۇرمايىتتۇق يالغانچىلىقنى،
ياسالمىلىق ،ياسىنىشمۇ يوق.
ياخشىلىققا يارالغاندەكلا ،
يامانلىشىش ،ياتلىشىشمۇ يوق .
يۈتتى يىللار يۈگرەپ،يورغىلاپ ،
يوقسىزلىقمۇ يۈتتى يىراقتا .
يۈتتى يارەن يۈتتى يىقىنلار،
يىنىمدا يوق يۈتتى يىراققا .
يىلىنجايدۇ يالقۇنلۇق ياشلىق،
يىقىنلاشتى يىگىرمە يەتتە ياش.
يورغىلايدۇ يۈگەنسىز يىللار،
يۈرەلمەيمىز ياشانماي ياپياش .
ياشلىق يۈتەر ياخشىلىق يۈتمەس،
يىقىلغاننى يۆلەپ ياشايلى.
ياتلاشمايلى يىقىن يارەنلەر ،
ياخشىلىقتا ياشاپ ياشنايلى .
نەۋبەر ھامۇتجان 2015-12-28
| 177 قېتىم كۆرۈلدى | nawbar | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-12-29 0:38:39 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|