ئ‍اجرىشىش - ئ‍ايىمبۇ ئ‍ۆمەر
ئ‍اجرىشىش 

- ئ‍ايىمبۇ ئ‍ۆمەر-

بىزنى چالما ئ‍اتقاندەك، 
ئ‍اتار بولدى ئ‍اجرىشىش .
بايلىق ئۈچۈن پۇل ئۈچۈن،
چاكار بولدى ئاجىرشىىش .

ئ‍ىناق-ئىجىل ئۆيلەرگە،
بۆسۈپ كىردى توساتتىن.
كۈلۈپ تۇرغان قوياشنى،
ياپار بولدى ئ‍اجرىشىش.

ئۆزى تىككەن كۆچەتنى،
پەرۋىش قىلىپ ئ‍ۆستۈرمەي.
ئۈششۈك تەككەن غورىدەك،
قاقار بولدى ئ‍اجرىشىش.

پۇرسەت بولدى ئ‍ەڭ ئاۋۋال،
ئ‍شرەتپەرەس ئەرلەرگە .
ئاشنا ئۈچۈن غورۇرنى ،
ساتار بولدى ئ‍اجرىشىش .

چىن ئەقىدە ۋەدىلەر ،
تامام بۇزۇپ تاشلاندى.
سۇدەك سۈزۈك كۆڭۈللەر،
لاي- لاتقىغا ئايلاندى .

شۇ سەۋەپتىن كوچىدا ،
تىنەپ يۈرەر يىتىملەر .
سەبىلەرنىڭ كۆز يېشى، 
سەل- قىيانغا ئايلاندى .

ئ‍ەر-ئ‍ايالغا ھەيرانمەن،
مودا بوپتۇ ئ‍اجرىشىش، 
ئۇلار ئۈچۈن توي نىكاھ ،
سودا بوپتۇ ئ‍اجرىشىش .




82 قېتىم كۆرۈلدى ئ‍ايىمبۇ ئ‍ۆمەر ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-2 16:18:19  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ