يارىمغا

يارىمغا

 

گۈل كۈتۈرۈپ ماڭسام يارىمغا ،

گۈل ساتىدۇ دەپتۇ بىرلىرى.

گۈلچى بىلىپ مىنى ھەتتاكى،

گۈل ئالغىلى كەپتۇ بىرلىرى.

 

 گۈل كۈتۈرۈپ ماڭسام يارىمغا،

 گۈل ھىدىنى ئاپتۇ بىرلىرى.

 گۈلنى ئولجا ئالـماق قەستىدە،

 شۇ كۈيلاردا قاپتۇ بىرلىرى.

 

گۈل كۈتۈرۈپ ماڭسام يارىمغا،

دىلغا ھەسەت ساپتۇ بىرلىرى.

 يوللۇرۇمغا تىكەنلەر چىچىپ،

شەيتان كۈيى چاپتۇ بىرلىرى.

 

گۈل كۈتۈرۈپ ماڭسام يارىمغا،

 گۈلگە خۇمار دەپتۇ بىرلىرى.

 بۇيىگىتنىڭ كېمدۇر سۈيگىنى،

 بەختى ئۇزار دەپتۇ بىرلىرى.

 

 «ئۆزقىر»





158 قېتىم كۆرۈلدى ئ‍ۆزقىر ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-14 0:01:28  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ