يار لىۋى
شۆھرەت كامىل مېھمان
تۇتتۇم سېنىڭ بىلەكلىرىڭنى،
گويا بىر ئوت كىردى ئىچىمگە.
يۈرەكلىرىم سوقتى بەك تېز تېز،
لەۋلىرىمنى ياقتىم لىۋىڭگە.
.
كۆزلىرىڭدىن سىرغىغان شەبنەم ،
مەڭزىڭ بويلاپ چۈشتى لىۋىمگە.
كۆزلەر كۆرمەس قۇلاق ئاڭلىماس،
نېرۋام توختاپ قالدى دەقىقە.
.
گويا بىر ئوت كىردى ئىچىمگە،
تىنىقلىرىڭ ئۇرغان يۈزۈمگە·
قارشىلىقتىن توختىدى قوللار،
سۆيدۈم سېنىڭ ئاھۇ كۆزۈڭگە،
،
توختىماستىن ھىدلايتتىم سېنى،
پىچىرلايتتىم قۇلاق تۈۋىڭگە.
بەدەنلىرىڭ تىتىرەيتتى يىنىك،
چىڭ تاڭغاندا سېنى مەيدەمگە.
،
لەۋلىرىمدىن كەتمىسۇن تەمىڭ،
كۆزلىرىمنى ئاچمايمەن پەقەت.
ئەگەر بۇ بىر چۈش بولۇپ قالسا،
ئۇخلاپ قالاي مەڭگۈگە ئەبەت.
.
.
2016يىل2ئاينىڭ 18كۈنى
.
| 167 قېتىم كۆرۈلدى | xohret | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-23 23:37:20 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|