ئەزرائىل ۋە مەن
ئۇيغۇربــــېـــــك
ئەزرائىل
يوقلاپ كەپتۇ مىنى ئەزرائىل،
تەييار تۇرغىن كىتىسەن دەيدۇ.
قىلاركەنمەن پەرمان بەجاندىل،
قەبرىستانغا يىتىسەن دەيدۇ .
گۇناھلېرىم تۇرۇپتۇ غايەت،
بىر ياخشىلىق قىلماي نىھايەت،
بۇ ھاياتتىن تاپماي ھىدايەت،
كەلگىنىمدە كۆرىسەن دەيدۇ .
ئەسلى دەيتتىم بۇ ھايات چەكسىز،
ئىشىنەتتىم ئۇنىڭغا شەكسىز،
ھايات بېغىم قالدى چىچەكسىز،
يەر تېگىگە چۆكىسەن دەيدۇ.
دەسلىپىدە ئىشەنمەپتىمەن،
جان قەدرىگە يىتەلمەپتىمەن،
ياخشى ئىنسان بۇلالماپتىمەن،
ئۆلگىنىڭدە بىلىسەن دەيدۇ.
قىلغانلېرىم ئۆزۈڭگە ئايان ،
قىلمىساممۇ ھەممىنى بايان ،
ئەمدى بۈگۈن قاچىسەن قايان،
گۆر ئىشىكى چېكىسەن دەيدۇ .
مەن
خىيالىمدا زىنھار ئۆلۈم يوق،
شۇنچە بىخۇد ياشاپ كەپتىمەن.
ھاياتىمغا ئۈزۈلسىمۇ ئوق،
تەگكىنىدە كۆرەي دەپتىمەن .
نە قىلايمەن ئەمدى بولغاندا ،
ھايات گۈلۈم پۈتۈن سولغاندا،
ئەجەل قۇشى ئۇچۇپ قونغاندا،
بىر تىنىق بەر كىتەي دەپتىمەن .
لىكىن تىنىق بىرەلمەيدىكەن،
بىر دەقىقە كۈتەلمەيدىكەن،
بۇ جېنىمدىن كىچەلمەيدىكەن،
ئالساڭ ئالغىن ئۆلەي دەپتىمەن .
بۇغۇزۇمغا كەلگەندە جېنىم،
چىرايىمدا قالمىدى قېنىم،
ئاستا- ئاستا مۇزلىدى تېنىم،
ئاخىر بەرداش بىرەي دەپتىمەن
لىكىن تەسكەن ئۆلمەك تىرىلمەك،
تىرىلگەنگە پەرىزكەن ئۆلمەك،
گۇناھكارغا مۈشكۈلى كۈلمەك،
ئەڭ ئاخىرى كۈلەي دەپتىمەن .
لىكىن كۈلمەك بولدى بىر خىيال ،
ئەجەل ئوقى كۆرسەتتى ۋىسال،
چۈش ئەمەسكەن ھەقىقى رىيال،
ئاھ جېنىمدىن كىچەي دەپتىمەن .
ئىنسان ئاخىر بۇلاركەن تۇپراق،
ھايات گۈلى تاشلىسا ياپراق ،
خۇش ھىدىنى چاچمىسا ھەرياق،
جەھەننەمدە كۈتەي دەپتىمەن .
| 53 قېتىم كۆرۈلدى | uyghurbek | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-17 19:07:49 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|