ھايات - مېھىرنىسا قۇربان
ھايات

مېھىرنىسا قۇربان 

كىلەر ھايات پەقەت بىر نۆۋەت،
ھايات بىلەن بولغىن ھەمسۆھبەت.
ھاياتىڭغا كۈلۈپ قارىساڭ،
ھاياتمۇ ھەم بولىدۇ ئۈلپەت.

ھايات ئەسلى گۈزەل بىر سەنئەت،
ھاياتنى سۆي تارتساڭمۇ كۈلپەت.
بىر كىلىسەن قايتا كەلمەيسەن،
بىلسەڭ ھايات ھەممىدىن قىممەت.

ھاياتىڭدا ياشىغىن كۈلۈپ،
قويما ھەرگىز ئۈمىدنى ئۈزۈپ.
ھاياتىڭغا قاتقىن مەنالار،
ھاياتلىقتىن خوشاللىق كۈتۈپ.

ياشىمىغىن ئۆلۈمنى كۈتۈپ،
ئويناپ يۈرمە غەپلەتتە ئۆتۈپ.
ھاياتىڭنى قەدىرلە ھەر ۋاق،
ئىزىڭمۇ ھەم كەتمىسۇن يۈتۈپ.

نامىڭ قالسۇن ئەۋلادقا مىراس،
سېڭىپ كەتكىن دىلدىن دىللارغا.
ياد ئېتىدۇ ئەبەدىل ئەبەد ،
ئەسلەپ كىلەر يىلدىن-يىللارغا.

2016-9-3 غۇلجا شەھىرى




48 قېتىم كۆرۈلدى 2550325358 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-8 10:54:16  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ