جۈرئەت (شېئىر) - كۈيچى دوستۇم جۈرئەت نۇرۇللاغا بېغىشلايمەن

 جۈرئەت

كۈيچى دوستۇم جۈرئەت نۇرۇللاغا بېغىشلايمەن

سەندە  بار   دوستۇم    غەيرەت   شىجائەت.
ئېگىلمەس قەددىڭ بولسىمۇ ئەلەم مۇشەققەت.
ئېسىل كۈي  ناۋا سازىڭ  خەلقىڭگە  شەربەت.
قەيسەر   بىر   روھ   بار  سۇنماس  جاسارەت.

ئامان   بول   ئامان   يۇرتۇم  خۇشخۇي بۇلبۇلى.
گۈزەل باي كېچىسىنىڭ چاقنىغان نۇرلۇق يۇلتۇزى.
شان   شەرەپ   يار  بولسۇن  ئامەت   تىلەيمەن.
باي   خەلق   ئوغلانى  مەردانە  تۇلپار دۇلدۇلدى.

بۇلبۇل  كىم  دېمەك   خەلقىم  جامائەت.
باينىڭ  ئوغلى  ئۇ     بۇلبۇلى   جۈرئەت.
مەردانە   ياشا   سەندە    بار     سادا.
باي   خەلقىڭ   ساڭا   قىلىدۇ   ھۆرمەت.

باينىڭ    بولبۇلى    ئۆچمەس  يۇلتۇزى.
جۈرئەت   نۇرۇللا    داغدام    يوللىرى.
باينىڭ  پەخرى  سەن  خەلق ئوغۇلسەن.
مەڭگۈ  ئۈزۈلمەس مۇڭلۇق سادا كۈيلىرى.

تىلەيمەن   ساڭا   بەخت   سائادەت.
دوستۇم جۈرئەت سۈرگۈن سەلتەنەت.
ئىسىل   پەزىلىتىڭ   ھەممىگە   ئايان.
ھايات   قىسمەتنى   قىلىسەن   بايان.

ئاپتورى.باي خەلق ئوۋلانى تاھىرجان ھېيىت مەجنۇن
2017 - يىلى  1- ئاينىڭ  2 - كۈنى  يېزىلغان
گۈزەل باي دىيارى كېچىسى
ئەمكىمگە ھۆرمەت قىلىپ نامسىز تارقاتماڭ
     





196 قېتىم كۆرۈلدى majnuntal ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-9 6:27:14  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-2-11 21:44:25 ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ
جۈرئەتكامنىڭ ئىزدىنىش -ئىجادىيەتلىرىگە بەرىكەت يار بولغاي .
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ