سۈبىھنۇر ئۆلدى

         سۈبىھنۇر ئۆلدى
    سۈبىھنۇر ئاتەش دولان
سىغىنىش ئوتىدا يۈرىكى كۆيۈپ،
ئۆزىنى سۆيمىگەننى ئۆزىچە سۆيۈپ.
مۇھەببەت دىڭىزداتوختىماي ئۈزۈپ،
ھىجراندا تۇنجۇقۇپ سۈبىھنۇر ئۆلدى.

تۇراتتى ئىشىكىڭدە مۇھەببەت سوراپ،
ئازابلار قەلبىنى بۇلۇتتەك ئوراپ.
ئالاتتى خەۋىرىڭنى ئۆزگىنى توراپ،
ئىزدىمە ئىشىكىڭدىن سۈبىھنۇر ئۆلدى.

تاپالمايسەن ھەرياقتىن توۋلىساڭمۇ ئىسىمنى,
كۆرەلمەيسەن ئاتەشتەك ئوتتا كۆيگەن جسىمنى.
پۇرىيالمايسەن شامالدىن تونۇش ھىدىنى،
سورىمىغىن شامالدىن سۈبىھنۇر ئۆلدى.

كۆرەرسەن نۇرسىز خۈنۈك كۆزىنى،
ئاڭلىماقچى بولارسەن تاتلىق سۆزىنى.
ئىلىپ قاچار ئەمما سەندىن ئۆزىنى،
تۇتما بارمىقىنى سۈبىھنۇر ئۆلدى.

كۆيۈپ يۈرسە ئۆتمەي قەدىرلەپ،
كەتسە يىنىڭدىن يۈرسەڭ ئەيىبلەپ،
كەلمەيدۇ قىشىڭغا ئەمدى قايتىلاپ،
كوچىدىن ئىزدىمە سۈبىھنۇر ئۆلدى.

ئەسلىمە ئۇنى قۇشلار ئۆتكەندە،
شامال يۈزۈڭنى سىيپاپ  سۆيگەندە .
يۈرىكىڭ ئازابتىن يىرىلىپ كۆيگەندە،
يۈرىكىڭدىن سورىما سۈبىھنۇر ئۆلدى.

سۆيسە تاشلاپ كەتكەنتى يارى،
قىينالدى ئىيتالماي ئۆزگىگە ھالى.
ھاياتىدا ئازابتىن بولالماي خالى،
سورا قەبرىدىن سۈبىھنۇر ئۆلدى.

ئۆتتى كۈنلىرى ھەر كۈن ئەلەمدە،
يازماق تەس بۇنى ئاجىز قەلەمدە.
بولغانتى سۆيگۈ ئۈچۈن قەلەندە،
ئۆچۈرىۋەت ئىسمىنى سۈبىھنۇر ئۆلدى.

ئاۋارە قىلمايدۇ كىرىۋىلىپ كۆزۈڭگە،
ئىشىنىپ يۈرمەيدۇ تاتلىق سۆزۈڭگە.
بىچارىلەرچە قارىمايدۇ ئەمدى يۈزۈڭگە،
يوقال مۇھەببەت سۈبىھنۇر ئۆلدى.

يۈرىكىدىن ئۇنۇتتى مەڭگۈگە سىنى،
كەتتى بەلكىم يىراققا ئىزدەپ ئۆزىنى
تاپار ئۆزىنى سۆيىدىغان بىرىنى،
قارىما ئارقاڭغا  سۈبىھنۇر ئۆلدى.

ئەمدى يۈرمەيدۇ كەينىڭدىن ماراپ،
كۈندە تۇرمايدۇ بىر ساڭا قاراپ.
چۈنكى قىلدىڭ سەن ھالىنى خاراب،
ھەسرەت ئىچىدە سۈبىھنۇر ئۆلدى.

كۈتتى سەندىن سۆيگۈ سەدىقە،
چىقارمىدى ئىسىدىن سىنى دەقىقە.
باغلاپ ئۆتكەنتى ساڭىلا ئەقىدە،
قارىما كۆزىگە سۈبىھنۇر ئۆلدى.

كۆتەرگەن سىنى سۆيۈپ بىشدا،
قىينسىمۇ ھىجران كۈلدى تىشىدا،
ئىتتىرسەڭمۇ يىراققا تۇرغان يىنىڭدا،
ئىزدىمە يىنىڭدىن سۈبىھنۇر ئۆلدى.

ئۈزۈلدۈرمەي ياڭرىتاتتى ناخشىنى ،
ھىجرانىڭدا ئۇخلىيالماي ئاخشىمى.
بولغانىدى مۇھەببەتنىڭ ئازغىنى،
سورىما ئاخشامدىن سۈبىھنۇر ئۆلدى.


ئازاب دەستىدىن تىنى تىتىلدى،
ھىجران دارىغا بىشى ئىسلدى،
جاھان گويا زۇلمەت بىلىندى ،
ھاياتتىن سورىما سۈبىھنۇر ئۆلدى.


غىرىپ قەبرىسگە بارمىغىن  يانا،
مۇھەببەتتىن گۈلدەستە تۇتمىغىن ماڭا.
قايتا ئىشەنگىدەك جۈرئەت يوق ساڭا .
سورىما مۇھەببەتتىن سۈبھنۇر ئۆلدى.


نادانلىقنى  تاشلىدى ئاخىرى بۈگۈن.
قەلبىدىن يىشىلدى سىرلىق  تۈگۈن.
تىپىپ قايتىپ كىلەر ئەقلىنى ئۆگۈن.
بىراۋلاردىن سورىما سۈبىھنۇر ئۆلدى.
سۈبىھنۇر ئاتەش دولان.
2017.5.8 غولجا
     

 مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار : 2041420589

 

     



     





331 قېتىم كۆرۈلدى سۈبىھنۇر ئاتەش دولان ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-24 13:35:31  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ