ئىنتىزار - ئىزھار خالمەمەت

ئىنتىزار 

 ئىزھار خالمەمەت


 ئىشقىڭدا يۈرەكلەر بولدى مىڭ پارە،
كەلگەن ھەي گۇلنىگار كۆرەي مەن سىنى.
ئازابلىق ئوتۇڭدا كۆيدىغۇ قەلبىم،
ئامرىقىم ئىنتىزار قىلمىغىن مېنى.

بىز يۈرگەن باغچىلار گويا قاقاسلىق،
سايرىماس نەغمە قىىپ خوش ناۋا بۇلبۇل.
ئالدانغان خورلانغان قەلبىمنى بىلگەش،
ھەر سەھەر پورەكلەپ ئېچىلمايدۇ گۈل.

سەن قىلغان شۇ ئوتلۇق ۋەدىلەر قېنى،
يا بىرەر نازىنىن ئۇتتى كۆڭلۈڭنى.
مەن سېنىڭ مەڭگۈلۈك يارىڭ بولاي دەپ،
يېپىشىپ چىرمىشىپ ئالدار ئۆمرۈڭنى.

 2016.11.13

     





70 قېتىم كۆرۈلدى ئىزھار خالمەمەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-13 1:30:23  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ