چۈشلىرىمگە كىرىۋەر يارەن

چۈشلىرىمگە كىرىۋەر يارەن

 

غولامجان ئەمەت

 

چۈشلىرىمگە كىرىۋەر يارەن،

 چۈشلىرىمدە سېنى بىركۆرەي.

 ئويلىساملا سېنى ھەردائىم،

گۈلدەك بىلىپ قانغىچە كۆرەي.

 

 چۈشلىرىمگە كىرىۋەر يارەن،

 چۈشلىرىمدە كۆرەي بىر سېنى.

 خىيالىمدا پەقەت بىرلاسەن،

 چۈشلىرىمدە كۈتىمەن سېنى.

 

چۈشلىرىمگە كىرىۋەر يارەن ،

 چۈشلىرىمدە كۈتىمەن ھەرۋاق .

 يۈرىكىمدىن ئىزدەيمەن سېنى،

 پىچىرلايسەن چۈشىمدە ھەرۋاق.

 

 چۈشلىرىمگە كىرىۋەر يارەن،

 چۈشلىرىمدە قېنىپ بىركۆرەي.

 نۇردەك سۈزۈك ئايدەك چېھرىڭگە،

 چۈشلىرىمدە قانغۇچە سۆيەي.





139 قېتىم كۆرۈلدى غولامجان ئەمەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-1 0:05:30  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ