سەن مېنىڭ بەختىم (شېئىر) - ​تۇرسۇنجان قايىم ئىقبالى

 سەن مېنىڭ بەختىم

تۇرسۇنجان  قايىم ئىقبالى

خىيال سۈرۈپ ئۆستەڭ بويىدا ،
يۈرىمەن يالغۇز يارنىڭ كويىدا .
سۆيگەن يارىم ئەلەمدە قويماي،
تاشلاپ كەتمە غەمكىن كوچىدا.

بەختلىك بولاي سەن بىلەن گۈلۈم،
كەلسىمۇ گەر قىسمەت ۋە ئۆلۈم.
ئويلايمەن سېنى كېچە ھەم تۈنۈم،
تاشلاپ كەتمە سەن مېنىڭ بەختىم.

ئايرىلغۇم يوق سەندىن نىگارىم،
بولغىن ماڭا مەڭگۈلۈك تەختىم.
سېنى دىلدىن سۆيۈپ ئۆتەرمەن،
تاشلاپ كەتمە سەن مېنىڭ بەختىم.

2017.3.23  كېچە
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ ،  نامسىز قويماڭ ،ئىشلەتسىڭىز ئالاقلىشىڭ   ئالاقە ئۈندىدار  1934220673  تېلفۇن 18167511768
     





93 قېتىم كۆرۈلدى ihbali ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-26 9:33:46  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ