ھېيىت كەپمۇ بارالمىدىم قەبرەڭگە

‏‏‏ھېيىت كەپمۇ بارالمىدىم قەبرەڭگە

 

 ‏باھارگۈل ئىبرايىم ئېھسانى

 (مەرھۇم ئاتام بىلەن ھەدەمنى سېغىنىپ) ‏

 

 ھېيىت كەپمۇ بارالمىدىم قەبرەڭگە،

 بەلكىم سەنمۇ بۇ ئەھۋالنى كۆرگەنسەن.

 سەبىر بىرىپ قېرىنداشلار كۆڭلىگە،

 دىل بېغىغا رەيھانلارنى تەرگەنسەن. ‏

 

 ھېيىت كەپمۇ بارالمىدىم قەبرەڭگە،

 ھەم قويمۇدۇم ئايىقىڭغا قېنىپ باش. ‏

كىرپىكىمنى شەبنەم كەبى سۆيسىمۇ،

 سېغىنىشتىن يۈرەك ئىزىپ چىققان ياش. ‏

 

 ھېيىت كەپمۇ بارالمىدىم قەبرەڭگە،

 ‏سېغىنىشىم پىغانىمنى ئۆرلەتكەن.

‏ئويلاپ يىتىپ چۆرىۋەتتىم دەرتلەرنى،

‏يىغا ئەمەس دۇئا ئىكەن كۆكلەتكەن.

 

 ‏ ‏ھېيىت كەپمۇ بارالمىدىم قەبرەڭگە،

 ‏قىلماق بولۇپ ساڭا ئاتاپ تىلاۋەت.

 ‏ئۆز-ئۆزەمگە بەردىم شۇنداق تەسەللى،

 سەبىر بىلەن تىلەك بولۇر ئىجابەت.

 

‏ ‏‏ئايەم كەلدى ھەدە كەلمىدىڭ

 

 ‏ ‏ ‏ئايەم كەلدى ھەدە كەلمىدىڭ،

 غېرىبسىنىپ قالدىم ئۆيۈڭدە.

مۇڭدىشارغا سىردىشىم يوقتۇر،

 يىگانىمەن بۈگۈن ئايەمدە.

 

ئايەم كەلدى ھەدە كەلمىدىڭ،

 بولغان بولساڭ ماڭاتتۇق بىرگە.

 بىچارىمەن سەنسىز يىگانە،

 سىردىشىم يوق سەندىن ھىچ ئۆزگە.

 

 ئايەم كەلدى ھەدە كەلمىدىڭ،

ئۇلۇغ كۈندە سىنى ئەسلىدىم.

 قېرىنداشلىق مىھرى يامانكەن،

سېغىنىشتىن زار-زار يېغلىدىم.

 

ئايەم كەلدى ھەدە كەلمىدىڭ،

 ماڭا خوشلۇق نىسىپ بولمىدى.

 ئانام ئۈچۈن كۈلدۈم مەن ساختا،

 كۆردۈڭمىكىن يۇرەك كۇلمىدى.

 

 ئايەم كەلدى ھەدە كەلمىدىڭ،

شۇم تەقدىرگە يوقتۇر ھىچ چارە.

 تەقدىرگىمۇ مىڭ شۈكرى دىدىم،

 ئەمما يۈرەك بولدى مىڭ پارە.

 

ئايەم كەلدى ھەدە كەلمىدىڭ،

 قېرىنداشلار قالدى ھەسرەتتە.

شۇنداقتىمۇ سەبرىلەر قىلدۇق،

 چۆكمىسۇن دەپ ئانامنى دەرتتە.

 

 ئايەم كەلدى ھەدە كەلمىدىڭ،

بارغان ئىدىم ئۆيگە كۆرگىلى.

 تۇتقىنىڭنى سۈرتتۈم كۆزۈمگە،

 ئامالسىزمەن ئېلىپ كەتكىلى.

 

 ئايەم كەلدى ھەدە كەلمىدىڭ،

ئەجەل كىلىپ ئايرىغاچ بىزنى.

 ‏سىنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن،

 سېغىنىشتا قېرىتىپ يىلنى.

 

 ئايەم كەلدى ھەدە كەلمىدىڭ،

 بىر كۈن يوقلاپ بارۇرمەن سىنى.

 ئەجەل كىمگە چاڭگال سالمىغان؟

 تىرىك قويغان قايسى ئىنساننى؟

 

 ئايەم كەلدى ھەدە كەلمىدىڭ،

 سىنى ئەسلەپ شۈكرىلەر ئىتەي.

 كىلەلمىسەڭ يوقتۇر ھىچ چارە،

ۋىسال پەيتى كەلگۇچە كۈتمەي.

 

‏ ‏2015-يىل19- ئىيۇل باي ‏





220 قېتىم كۆرۈلدى ehsanay ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-7 1:10:54  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-7 2:21:11 月光
yahi
2015-8-7 2:21:00 月光
yahi
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ