ساختا مۇھەببەت - رەنا

 ساختا موھەببەت
ئاپتۇرى رەنا (سەبىر)
شۈنچىلىك ئ‍وڭلۇق بىر قىز بولغان ئ‍ىكەن،
ئ‍ىشقىدا يىگىتلەر بولار سەرسانە .
بىر يىگىت ئ‍ۇ قىزنىڭ كۆڭلىنى ئ‍ۇتۇپ
دەپتۇ ئ‍ۇ مەن ساڭا بولاي غەمخانە.

كېسەلچان ئ‍ۇ قىزغا كۈيۈنۈپ دەپتۇ،
ساقايتىپ بىر ئ‍ۆمۈر قىلىمەن خانىش .
سۆزىگە ئۇنىڭكى ئىشىنىپ قىزمۇ،
رازىلىق بىرىپتۇ بولغاچقا رائىش .

ئ‍ىككەيلەن چىقىشىپ ۋەدىلەر بىرىپ ،
بىر ئ‍ۆمۈر ئ‍ايرىلماي ئ‍ۆتەيلى دەپتۇ .
توي قىلماق بۇلۇشۇپ تەييارلىق قىلىپ.
بۇ كۈنمۇ ئ‍ۇلارغا يېقىنلا كەپتۇ .

تۇيىغا ئ‍از قالغان ئ‍اشۇ كۈنلەدە ،
ئ‍ۇ قىزغا دەپتۇ ئ‍ۇ بىللە بۇلۇشنى.
ئ‍اچچىقتا بىر تەستەك ساپتۇ يىگىتكە،
كۆرىمەن بۇ ئىشتىن لايىق ئۆلۈشنى.

تىزلىنىپ دەپتۇ ئ‍ۇ يىگىتمۇ قىزغا ،
پاكلىقنى سىنىماق بولغانتىم مەنمۇ.
يىگىتكە دەپتۇ قىز يىغلاپ ئاچچىقتا،
ئىيتقىنە ھايۋانمۇ ،ئ‍ادەممۇ سەنمۇ

ئ‍اشۇ ئ‍ىش تۈپەيلى توينى بۇزۇپتۇ،
يىگىتمۇ پۇشايمان قېلىپ يۇرۇپتۇ .
بەزىلەر يوق گەپنى تۇشۇپ يىگىتكە ،
كۆڭلىگە گۇمانلار سېلىپ قويۇپتۇ.

ئ‍ېتقىنا ئ‍ەي يىگىت سەنمۇ يىگىتمۇ ،
پاكلىغىڭ سېنىڭكى بولار كىم گۇۋا .
ئازاپلاپ كېسەلچان بىر ئ‍اجىز قىزنى،
قانچىلىك خوش بولۇپ كېتەرسەن  توۋا .


رەنا سەبىر
2016-11-1-كۈنى

     





86 قېتىم كۆرۈلدى سەبىر قىز، رەنا ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-5 0:07:14  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-11-9 10:50:09 ئابدۇللا كامال (گۇما)
ئەمەلىيەتنى يىزىپسىز، ھەقىقەتنى بىلىپسىز. ئاجىزلارنىڭ كۆز يېشى ئاجىزلىق ئ‍ەمەس. قەيسەر ياشاڭ، ياراتقۇچى سىزنى مەڭگۈلۈك خوشال خاتىرجەم قىلغاندەك، ئ‍زۇن ئۆمۈر، ساغلام قەلىب ئ‍اتا قىلسۇن.
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ