تۇيغۇن ۋە تۇتقۇن
ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
نەسىر
تۇيغۇنلار بىزنى ھاپاش قىلىپ ھەر يەرنى سەيىر قىلدۇرىدۇ . تەقدىر تۇيغۇلار ئارقىلىق بىزنى خىيالەن دۇنيانىڭ غالىپ سەركەردىلىرىگە ئايلاندۇرىدۇ ،بىز مەردانىلەرچە ئاتلىنىمىز .لېكىن تۇيغۇ تۇتقۇنلىقى بىزنى ئويغا سالىدۇ .
بىز خىيال سۇلتانلىقىنىڭ شاھانە تەختىدە ئولتۇرۋاتقىنىمىزدا بولسا تۇيغۇنلار بىلەن خىيالەن بىقىشىمىز . سىغىنىش نامى بىلەن ئىزگۈلەرنى تەسەددۇق قىلىشىمىز .بۇنىڭ بەدىلىگە ئازاپلارنىڭ خان تاجىنى خالىس تاقىشىمىز . تۇيغۇنلار ھىجران كىيىملىرىنى كىيىشدۇ .بىز بولساق ئاشىقلىق كۇلاسىغا بەنىت بولۇپ ياشايمىز . مۇھەببەتنى كىشەنلەر بىلەن خۇشال ھالدا تاقىشىمىز ، مانا شۇندىن باشلاپ تۇيغۇننىڭ گۈزەل ئەمما ئاداققىي تۇتقۇنلىرىغا ئايلىنىمىز.
ئەقىل ئىلاھى بىزنى جىنىنىڭ بارىچە چاقىرىدۇ ، ئەمما بىز ئۇنى يالغان دەپ بىلىمىز . ھەتتا ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بىزنىڭ مازاق قىلىش ئوبىكتىمىزغا ئايلىنىدۇ . ئۇلارنىڭ « ئەخمەق » لىكىگە قاقاقلاپ كۈلىمىز . لېكىن ئويلىمايمىزكى ھەقىقىي تۈردە ئۆزىمىزنىڭ ئەخمەق بولغىنىمىزنى .
تۇيغۇن ئىلاھىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن چاكارلىرى ئەرزىمەس داستىخانلار بىلەن بىزنى كۈتىۋالىدۇ . ئەقىل خاندانلىقىنىڭ پاسىبانىنىڭ كاتتا ھەشەمەت سورۇننى كۆزگە ئىلمىغان بىز ئۇ سورۇنغا تىلىمىزنى ساڭگىلاتقىنىمىزچە يۈرۈپ كېتىمىز . ئەقىل مىھرىبانلارچە بىشىمىزنى سىيلايدۇ ، بىز ئۇنى سىلكىپ تاشلايمىز .دە تۇيغۇنلارنى ھىماتچىلىققا تىلەيمىز .
ئەقىل قايتا - قايتا بىزنى چىللاپ كېلىدۇ ، لېكىن بىز كۆزىمىزنى يۇمۇم مەھكۇملۇقنى تاللايمىز دە ، غالىپلارچە :
- بۇ ساراڭنى كۆزدىن نىرى قىلىڭلار . دەپ بۇيرۇق چۈشۈرىمىز ، ئەقىل جىمجىت كېتىپ قالىدۇ .
ئۇزاققا قالماي بىز سەكراتقا چۈشىمىز ، تۇيغۇنلارنىڭ تۇتقىنىغا ئايلانغان بىز ئەسەبىلەرچە ئىڭرايمىز ، زارلىنىمىز ، بىچارىلەرچە ئەقىلنى چاقىرىمىز ، ئەپسۇس ،بىز كىچىككەن بولۇپ ھەممىدىن تۇتقۇن پىتى مەھرۇم بولىمىز .
ئاپتۇرى : ئابدۇقەييۇمجان ( ئەختەر )
ئۈندىدار : 2041420589
2017- يىلى 5- ئاينىڭ 24- كۈنى ، سەھەر ، ئۈرۈمچى
شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتوتىدا يىزىلدى
| 126 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
| 2017-5-25 0:01:08 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|