​خەۋەر (ساتىرا) - ئېزىز تۇرسۇن خەنجەرى

خەۋەر
(ساتىرا)

ئېزىز تۇرسۇن خەنجەرى

بىركۈنى
مۇخپىر قىزنىڭ نامىدا
گېزىتكە چىقتى بىرخەۋەر
((غالجىر ئىت ئادەم چىشلىۋالدى))...
مانا،
نىم بولدىكىن گېزىت بازىرى،
خەۋەرلەرنى كۆرمەس ھىچبىرى.
چاتاق،
خاپابولدى گېزىتخانا  باشلىغىمۇ ھەم،
دىدى قىزغا ((ماقالىڭىز بەتتەم))،
سىزنى ئەمدى كۆرمىسۇن كۆزەم...

ئەتىسى.
گېزىتقا چىقتى بىر خەۋەر،
((غالجىر ئادەم ئىتنى چىشلىۋالدى...))
مانا كارامەت،
گېزىت تۈگىدى ئەتىگەن سەھەر،
باشلىق ھىجايدى،
باش بارماقنى چىقاردى،
ئاي ئاخىرى باھالاشتا ھېلىقى
سايلاندى قىز بۇلۇپ مۇنەۋۋەر.....

2002.12.5
     





29 قېتىم كۆرۈلدى margimux ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-3 13:50:09  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ