گۈلزارىڭدىن
 گۈلزارىڭدىن
 
سۆيگۈ گۈلزارىڭدىن كۆردۈم نازۈك چىمەننى،
چىمەنلەرنىڭ سەردارى گۈزەل ـــ گۈلزارىڭدە.
جەننەت ئەھلىگە بەخىش ئەيلەپ چاچ خۇش پۇراق،
ھۆرلەر كەبى ياشار ئىنسان شۇ رۇخسارىڭدە.

ھىممىتىڭنى بەخىش ئەتتىڭ شۇڭا گۈلزارىڭدە،
ھېكمەت بىلەن بەھرى بەر ھۆسنى ئىخپالىڭدە.
چىمەن ئارا سۇ چىچىپ بولدۇڭ نازۈك چىمەن،
ئىففەت بىلەن نازۈكلىقىڭ ھەمرا گۈلزارىڭدە.

ھاياتنىڭ نىھمىتى سەن،نىھمەتلەر سەردارى،
خۇش پۇراق ھېدىڭدىن ياشنار سۆيگۈ گۈلزارى.
بارچە ئالەم سەنسىز كۆكلىمەس سەندىن كىچىپ،
مىھرىبانلىق شەپقىتىڭ، ئىخسانىڭ نۇر چىچىپ.

سەنسىز خۇشال بولماس دۇنيا،ھەممە كىشى تەڭ،
سۆيگۈ بىلەن ئۆتەر ئىنسان بارچىدە شۇ تەڭ.
سەنسىز بۇ ھاياتنىڭ قىممىتى يوق بارچىدە،
بىرىككەندە ھەمدەم بۇلۇپ بەھرى بەر تەڭ.

ھەم گۈزەل دۇنيا بەرپا قىلساق ھەممە يەردە تەڭ،
چىمەنزارلىق باغۇ-بوستانلار بۇلار شۇڭاھەم تەڭ.
خۇشال ئەيلەپ بەھرى ئالساق ئۇلۇق سۆيگىلەردىن،
ئىلىپ لەزەت،ئۈمۈتلىك شۇ گۈزەل ئارمانلاردىن.
 
ئابدۇرەشىد ئابدۇكېرىم
2015-يىلى 4- ئۆكتەبىر




202 قېتىم كۆرۈلدى abduraxit ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-4 20:17:03  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ