​ئورما ناخشىسى (شېئىر) - مەمەتجان سەمەت

ئورما ناخشىسى
مەمەتجان سەمەت  

ئورما ئوردۇم ئىسسىقتا،  
يالغۇز ئۆزۈم  ئېتىزدا.
ماڭا ھەمرا بىر جانان،
بولمىغاچقا يېنىمدا.

ئات ھارۋامدا توشۇدۇم،
خامانلىققا ئەنجىنى.
ئۆتەرمەنمۇ مۇشۇنداق،
كۆرمەي جانان ۋەسلىنى.

چۈشتە چىققان شامالدا،
بۇغدايلارنى سورۇدۇم.
مەن يىگىتنىڭ ھالىغا ،
كىم يىتەر دەپ ئويلۇدۇم.

قىينالساممۇ ئاخىرى،
ئالدىم بۈگۈن خاماننى.
قاچان يەمەن ئوخشىغان،
يارىم ئەتكەن  تائامنى.  

بۇ يىل بۇغداي بەك بولغاچ،
بۇلتۇرقىدىن جىق چىقتى.
توي قىلاي ئەمدى دىسەم،
يەنە لايىق چىقمىدى.

تۇتۇپ ئورغاق دەستىنى،
ئورما ئورۇپ باققانمۇ.
تەنھالىقنىڭ دەردىنى،
سىزمۇ مەندەك تاتقانمۇ.

ئۈندىدار : 308381500
ئاپتور ئىسمى بىلەن تارقىتىڭ نامسىز تارقاتماڭ
     





243 قېتىم كۆرۈلدى mamatjan520 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-28 18:24:59  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-30 2:29:58 patima
bakyahxi yiz liptu rah mat gay yat kilig
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ