ئايرىلىپ كېتەيلى دېمىگىن ماڭا

ئايرىلىپ كېتەيلى دېمىگىن ماڭا

 

 مۇھەببەت ئويۇنمۇ ۋە ياكى تانسا،

بىردەملىك ھەمراھمۇ ۋەياكى ساڭا،

 بۇنچىلىك پەس كۆرمە چىن مۇھەببەتنى،

 ئايرىلىپ كېتەيلى دېمىگىن ماڭا.

 

 ئايرىلىش ئەلۋىدا خەير-خوش دېمەك،

 ئالدىراپ سۆز ئاچما سەن ئايرىلماققا.

 بىر كەتسە كەلمەيدۇ بۇنى بىلىۋال،

ئايرىلىپ كېتەيلى دېمىگىن ماڭا.

 

 سەۋىر قىل بىردەملىك كۆڭۈلسىزلىككە،

 ئەپۇچان كەڭقورساق بولۇپ ئۆزئارا.

 مەن سېنى سۆيىمەن قانچىلىك بىلسەڭ،

 ئايرىلىپ كېتەيلى دېمىگىن ماڭا.

 

 كۆپ قېتىم سۆز ئېچىپ سەن ئايرىلىشتىن،

دىلىمنى قىلدىڭسەن قانچىلىك يارا.

 ئايرىلغۇم يوق سەندىن جېنىم دىلرەبا،

 ئايرىلىپ كېتەيلى دېمىگىن ماڭا.

 

_ سەۋىر





225 قېتىم كۆرۈلدى 1366914514 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-15 8:00:32  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ