ئۆچەككىلا كىرىپ كەتكۇم بار
ساۋۇت سەدەن (ئانارى)
ئۆچەككىلا كىرىپ كەتكۇم بار ،
ئويغانماسقا يىللاپ ئەسىرلەپ.
قۇلقۇم ئاڭلاپ كۆزۇم كۆرسىمۇ ،
توسالمايمەن مىڭلاپ تىپچەكلەپ.
نەس-ھەۋەسنىڭ چىركىن تۇمىنى ،
ئەۋىچ ئالدى جاھاننى چىرماپ.
قانداق قىلاي ئەتىنىڭ غېمى ،
ياشامدىمەن ئازاپلىق يىغلاپ .
كۆمۇلمەكتە رەت-رېتى بىلەن ،
ئەدەپ-ئەخلاق ئادەملىك قىممەت.
ئۆز نەپسىگە ئاتلاندى ھەممە ،
بىردىن-بىرىگە تەگمەيدۇ نىممەت.
ئۇچەتكىلا كىرىپ كەتكۇم بار،
ئۇيغانماسقا يىللاپ ئەسىرلەپ.
ئۇنتۇش قىيىن ئويلاش ۋەھىمە ،
تىتىرەر يەر بىزگە شەرەتلەپ.
تىلىفون:13677580459
| 74 قېتىم كۆرۈلدى | ساۋۇت سەدەن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-13 12:53:05 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|