كىتىپ قالسا بالىنىڭ چوڭى (شېئىر) - ئېزىز تۇرسۇن خەنجەرى

 كىتىپ قالسا بالىنىڭ چوڭى

ئېزىز تۇرسۇن خەنجەرى

ۋاي ئىسىت دەپ يىغلاپ قالىسەن،
ياقا يىرتىپ ئىڭراپ قالىسەن،
كىملەرگىدۇر گۇڭراپ قالىسەن،
كىتىپ قالسا بالىنىڭ چوڭى...

ئۇنىڭدا بار ئاتاڭنىڭ قەھرى،
ئۇنىڭدابار ئاناڭنىڭ مىھرى،
دەرت تارتقاندا ئۈتۈلەر قەدرى،
كىتىپ قالسا بالىنىڭ چوڭى...

تاپقىنىنى بىرەلمەس ساڭا،
كىسىلىڭگە بىرەلمەس داۋا،
ھاجىتىڭنى قىلالماس راۋا،
كىتىپ قالسا بالىنىڭ چوڭى...

((ئىنى-سىڭلىم))دەپ جاپا چەككەندە،
سەن چوڭ بۇلۇپ تىگىگە يەتكەندە،
چاقىرساڭ يوق پولو ئەتكەندە،
كىتىپ قالسا بالىنىڭ چوڭى...

ھۆرمىتىنى قىلاي دىگەندە،
باشلىۋالاي تۆرگە دىگەندە،
قايتىپ كەلمەس ئاھ،ۋاھ يىگەنگە،
كىتىپ قالسا بالىنىڭ چوڭى...

ھاياتلىقتا قىلغىن قەدرىنى،
سىرداش،مۇڭداش ئاڭلا گىپىنى،
پۇشماندا ياش تۆكمە بىركۈنى،
كىتىپ قالسا بالىنىڭ چوڭى...

2015.9.20
     ئاقسۇ
     





327 قېتىم كۆرۈلدى margimux ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-24 18:47:17  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ