مۇھاببەت

‏مۇھاببەت

 

‏باھارگۈل ئىبرايىم

 

 ‏مۇھاببەت كۆيدۈرسەڭ ئوتلىرىڭدا سەن،

‏ئاقتۇرىسەن بەختنىڭ ساھىلى تامان.

ئاھ،شىرىن بولغاچقا ۋىسال شارابىڭ‏،

 ‏لەززەتتۇر ئازابىڭ دىيىلمەس يامان.

 

‏ ‏مەستخۇشلۇق ئىلكىگە ئالار ئىنساننى،

 ‏ۋىسالىڭ قەلىبتە كۆتۈرگەچ ئىسيان.

‏قەلبىگە سۆيگۈدىن ئۇرۇقلار چېچىپ،

 ‏مەشۇق دەپ ئەلەمدە چىكىشەر پىغان.

 

‏ ‏ھىجرانلىرىڭ قىينىسىمۇ كىشىنى،

‏ئاتا قىلار ئەمما، تاتلىق بىر ئازاب.

 ‏قىيداشسىمۇ سېغىنىشتا ئۆتىشەر،

‏مەشۇقىنىڭ ئىسمىنىلا يادىلاپ. ‏

 

 ‏شۇنىڭ ئۈچۈن كۈيلەپ سىنى يازىمەن،

 ‏قەلبلەردە مىھرىڭ بولغاچ مول سىنىڭ.

 ‏سىنى دەپلا ئىڭرار نەپەس تۈگكىچە،

 ‏ھەر نەپەستە ئاققاچ تۇمۇردا قېنىڭ.

 

 ‏ ‏2015-يىل 15-ئاۋغۇست باي





174 قېتىم كۆرۈلدى ehsanay ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-17 0:17:57  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ