ماكانىم غۇلجام - رابىگۈل ئابدىۋەلى

ماكانىم غۇلجام

ئ‍اپتورى: رابىگۈل ئابدىۋەلى


 تۇغۇلۇپ كۆزئاچقان ماكانىم غۇلجام،
قوينىدا ئ‍ۆستۈرگەن گۈزەلىم غۇلجام.
خۇش ھاۋا گۈزەللىك مۇجەسسەم سەندە،
ھەممىنى ھەيرەتتە قالدۇرغان غۇلجام.

قوينىڭدا ياشنايدۇ باغۇ-بوستانلار،
زۇمرەت سۇ،گۈل-چىچەك ئ‍ەڭ گۈزەل باغلار.
ھۆسنىڭدىن مەڭگۈگە پەخىرلەن غۇلجام ،
باغرىڭدا بوي تارتقاچ ئ‍اسمانغا تاغلار.

باھاردا چىچەككە پۈركىنىپ كەلدىڭ،
تومۇزدا پۈركەندىڭ رەڭگارەڭ گۈلگە.
ئ‍التۇندىن رەڭ بەرگەن ئ‍ۇشبۇ كۈزساڭا،
قىش كىلىپ كىيىپسەن ئ‍اپئاق لىباسنى.

پەخىرىمسەن،ماكانىم ھەم گۈزەل غۇلجام،
جاھاندا بىردىنبىر يىگانە غۇلجام.
دىلمىدىن تىلەيمەن ساڭا ئ‍امانلىق،
مەڭگۈگە گۈللەنگىن ،راۋاج تاپ غۇلجام...
 





31 قېتىم كۆرۈلدى rabigul ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-19 19:01:57  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ