سەن قەدرىمگە يەتمىگەن كۈنى

قەدرىم ئۈتۈپ سېغىنغان كۈنى 

 

 ئەلى تۇرسۇن سىرلىق

 

 خوش دىمەيلا كىتەرمەن ئىشەن،

 سەن قەدرىمگە يەتمىگەن كۈنى.

 بىر كېتىمەن كەلمەيمەن قايتا،

قەدرىم ئۈتۈپ سېغىنغان كۈنى.

 

 شۇ كەتكەنچە يۇقايمەن ئەبەد،

 يانلىرىڭدا كۆرمەيسەن پەقەت.

پۇشايماندا قىلىسەن ھەسەت،

 قەدرىم ئۈتۈپ سېغىنغان كۈنى.

 

 كۆڭلۈڭ يېرىم يۈرۈيسەن شۇدەم،

 ئاچچىق ئازاپ قىينىسا ھەردەم.

 بەخىت تىلەپ قالارسەن ئەركەم،

 قەدرىم ئۈتۈپ سېغىنغان كۈنى.

 

 خار بولمايمەن يىگىتىمەن بىلسەڭ،

 خار قىلمايمەن دىلىڭدىن سۆيسەڭ.

 خەيىر دەيمەن ئۇيۇنچۇق كۆرسەڭ،

 سەن قەدرىمگە يەتمىگەن كۈنى.





153 قېتىم كۆرۈلدى ئەلى تۇرسۇن ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-14 0:01:50  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ